ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى: مايمۇن يىلىدىكى چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ يىلدا ئېھتىمال كۆپلىگەن كىشىلەر 80-يىللاردا ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق نادىر تېلىۋىزىيە فىلىمى «غەربكە ساياھەت» نى سېغىنغان بولۇشى مۇمكىن. جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسدا توپ تېپىدىغان گانالىق داڭلىق ھۇجۇمچى گىئان ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ئالاقە سۇپىسدا «غەربكە ساياھەت» فىلىمىدىكى كۆپلىگەن رەسىملەرنى يوللىدى. گىئان يەنە مۇنداق دېدى: «جۇ باجيې قېرىپ كېتىپتۇ».
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گىئان ئەسلى جۇ باجيېنىڭ مەستانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ فىلىمدىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلىرىگە ئىنتايىن قىزىقىدىكەن. جەمئىيەت ئالاقە سۇپىسىدا جۇباجيېنىڭ رولىنى ئالغان ما دېخۇانىڭ كۆپلىگەن رەسىملىرىنى ساقلاپ كەلگەن. گىئان مۇنداق دېگەن: «مانا بۇ غەربكە ساياھەت فىلىمىدىكى جۇ باجيې، بىراق سىلەر ئۇنىڭغا تەپسىلىي قاراپ بېقىڭلار، جۇ باجيېنىڭ رولىنى ئالغان بۇ ئادەم راستىنلا قېرىپ كېتىپتۇ، ئەپسۇس، جۇ باجيېنىڭ رولىنى ئالغان شۇ ۋاقىتلارنى سېغىنىمەن.»
。
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved