شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 354 ھەر مىللەت كارخانىچىسى يېقىندا بىرلىكتە ئىمزا قويغان ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ھەر مىللەت كارخانىچىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب، شىمالىدا گۈزەل تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئوچۇق خەتتە، زوراۋان تېررورچىلارنىڭ ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ۋەھشىيانە زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن گۇناھسىز ئاممىنى ئۆلتۈرۈپ، ھاياتنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشتەك قىلمىشى قاتتىق ئەيىبلەندى.
رادىل ئابلا شىنجاڭدىكى ئۆلچەملەشكەن تېز تاماقخانىلارنى ئاچتى، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئىككى يېمەك-ئىچمەك مەيدانىدا تىجارەت باشلىدى، ئۇ يەنە باشقا جايلاردا يېمەك-ئىچمەك مەيدانى ئاچماقچى بولدى.
ئوچۇق خەتتە، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇر قىلىپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۆلەتكە ئاسايىشلىق، خەلققە بەخت-سائادەت يارىتىش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشى مۇراجىئەت قىلىندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved