دۇنيادىكى داڭلىق ھۆسىن تۈزەش دوختۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كورىيىدە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو ۋە ياپونىيىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر داڭقىنى ئاڭلاپلا كورىيىگە ھۆسىن تۈزىتىش ئۈچۈن كېلىدۇ. لېكىن بۇ كىشىلەر كورىيىدە ھۆسىن تۈزەتكەندىن كېيىن، دۆلىتىگە قايتىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ ئىشلار ئاڭلىماققا سەل بىمەنە تۇيۇلسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي يۈز بەرگەن ئىشلار ئىدى. كورىيىگە بېرىپ بۇرنىنى ياكى ئاغزىنى تۈزەتكەن كىشىلەر قارىماققا ‹ ئۆزىنىڭ كۈچەيتىلگەن نۇسخىسى› دەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كورىيىگە بېرىپ ھۆسىن تۈزەتكەندىن كېيىن ھەقىقەتەن ئەسلىدىكى ئۆزىگە قەتئىي ئوخشىماي قالىدۇ. باشقىلار ھۆسىن تۈزەتكۈچىلەرنىڭ ھۆسىن تۈزىتىشتىن بۇرۇنقى رەسىمى بىلەن ھۆسىن تۈزەتكەندىن كېيىنكى رەسمىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىپ سەپسېلىپ قارىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن يەنىلا بۇ ئىككى پارچە رەسىمدىكى كىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا بىزنىڭمۇ ئايرودرومدىكى خادىملارنىڭ كورىيىگە بېرىپ ھۆسىن تۈزەتكەن بۇ كىشىلەرنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقىدىن ئاغرىنىشقا ھەددىمىز يوق ئەلۋەتتە.
تەلەيگە يارىشا، كورىيىدىكى ھۆسىن تۈزەش دوختۇرخانىلىرى چەتئەلدىن كەلگەن ھۆسىن تۈزەتكۈچىلەرنىڭ ھۆسىن تۈزىتىپ بولغاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كېتەلمەسلىكتەك بۇ ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپقانىدى. كورىيىدىكى بۇ ھۆسىن تۈزەش دوختۇرخانىلىرى چەتئەلدىن كەلگەن ھۆسىن تۈزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئالاقىدار ھۆسىن تۈزەتكەنلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ. بۇ گۇۋاھنامىلەردە ھۆسىن تۈزەتكۈچىنىڭ پاسپورت نومۇرى، ئىسىم-فامىلىسى، ئۇنىڭ كورىيىدە تۇرۇپ قالغان ۋاقتى، ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى ئېلىپ بارغان دوختۇرخانىنىڭ كونكىرت ئادرىسى قاتارلىقلار يېزىلىپ دوختۇرخانىنىڭ تامغىسى بېسىپ بېرىلىدۇ. چەتئەلدىن كەلگەن ھۆسىن تۈزەتكۈچىلەر بۇ گۇۋاھنامە ئارقىلىق كورىيە مۇساپىرلار ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ كېتىشىگە رۇخسەت ئالالايدۇ.
بۇ ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن ئىش بولۇپ، يېقىندا كورىيىگە بېرىپ ھۆسىن تۈزەتكەن 23 نەپەر جۇڭگولۇق ئايال ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ يېشى 36 ياشتىن 54 ياشقىچە بولۇپ، لېكىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، رېئال تۇرمۇشتىكى بۇ ئاياللارنىڭ چىرايى بىلەن ئۇلارنىڭ پاسپورتىدىكى رەسىمى قەتئىي ئوخشىمايتتى. بۇ ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر جۈپ يوغان كۆزى، ئېگىز قاڭشارلىق بۇرنى شۇنداقلا يەنە ئۇزۇنچاق ئىڭىكى بار ئىدى ( لېكىن رەسىمدە ئەلۋەتتە بۇنداق ئەمەس ئىدى›. ‹بىزنىڭ تەكلىپىمىز ئارقىسىدا بۇ ئاياللار بېشىغا كىيىۋالغان يوغان شىلەپىسى بىلەن كۆزىگە تاقىۋالغان يوغان كۆزەينەكلىرىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ چىرايى بىزنى تېخىمۇ قاتتىق ھەيران قالدۇردى. چۈنكى بۇ ئاياللارنىڭ يۈزى بېرزېنت بىلەن تېڭىۋېتىلگەن بولۇپ، يەنە بەزىلەرنىڭ يۈزىدە يىڭنە سانجىلغان ئىزلار تۇراتتى. › دېدى شاڭخەي خۇڭچىياۋ ئايرودرومىنىڭ بىر نەپەر خادىمى زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، ‹ بىز بۇ ئاياللارنى تەكشۈرگەندە چوقۇم قاتتىق ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ رەسىملىرىنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ كۆرمىسەك بولمايتتى›.
2011-يىلى، تەخمىنەن 2500 گە يېقىن داۋالىنىش ساياھەتچىسى ( يەنە ھۆسىن تۈزەتكۈچىلەر) كورىيىگە بارغان بولۇپ، لېكىن ئۆتكەن يىلى بۇ سان 25176 نەپەرگە يېتىپ 2011-يىلىدىكىنىڭ 10 ھەسسىسىگە يەتكەن، قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگولۇق بولۇپ، گەرچە جۇڭگو نۆۋەتتە بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇقلار جۇڭگونىڭ دوختۇرلىرىغا ئىشەنچ قىلالمايدىغان بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
كورىيىلىك ھۆسىن تۈزەش دوختۇرى-Park Byong-choon مۇنداق دېدى:‹ ھازىر تېخىمۇ كۆپلىگەن جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار ھەتتا كورىيىگە كېلىپ بالا تۇغۇشقا باشلىغان بولۇپ، چۈنكى نەچچە يىل بۇرۇن بىر نەپەر ياش ناخشىچى جۇڭگودىكى ھۆسىن تۈزەش دوختۇرخانىسىنىڭ ئوپراتسىيە كارۋىتىدا ئۆلۈپ قالغانىدى، شۇڭلاشقا تېخىمۇ كۆپلىگەن جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار نەچچە رەت ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرىدا يەنىلا كورىيىگە كېلىپ بالا تۇغۇشنى قارار قىلغانىدى›.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved