ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تۈنۈگۈن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇردى .ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا جىددىي ۋەزىيەت داۋام قىلماقتا .ئۇكرائىنا ئارمىسيى شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەر دە روسىيەپەرسلەر كونتروللىقىدىكى شەرقىي قىسىمدىكى ماروپول شەھىرىنىڭ شەھەر كومىتېتىنى مۇھاسىرگە ئالدى ،ھەمدە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى . 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇكرائىنا ئارمىيىسى يەنە شەرقىي جەنۇبتىكى شەھەر كونىستانتىنوسقا ھەربىي يۈرۈش قىلدى ، ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋاكوف بىر نەچچە ئەسكەرنىڭ بۇ ھەرىكەتتە يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى . شەرقىي قىسمىدىكى كاراماتورىسكىدا 3-ماي ئۇكرائىنا ئارمىيىسى روسىيەپەرەس قورالىقلىرىدىن بىر تېلېۋىزىيە مۇنارى ۋە بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ بىناسىنى تارتىۋالدى ھەمدە شەھەر مەركىزىنىڭ باشقا بارلىق رايونلىرىنى كونترول قىلدى .
كىراماتورىسكى شەھىرىگە ئون نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان سىلاۋىيانىسكىدا 3-ماي چۈشكىچە ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن روسىيەپەرەس قوراللىىقلار ئېتىشىپ 19 ئادەم ئۆلدى .ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى شەھەر سىرتىدىكى رايونلارنى كونترول قىلدى ھەمدە سىلاۋىيانىسكىنى قامال قىلدى .شەھەر ئىچىدىكى كۆپ قىسىم رايونلار يەنىلا روسىيەپەرەس قورالىقلارنىڭ كونتروللىقىدا تۇرىۋاتىدۇ . ئۇكرائىنا ئارمىيىسى ھەر ۋاقىت بۇ يەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن .ھازىر لۇگانسىكتىكى روسىيەپەرەس قوراللىىقلار ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى ،لۇگانسىك ئوبلاستىدىكى روسىيەپەرەس قورالىقلارنىڭ رەھبىرى بولوتوف تۈنۈگۈن لۇگانسىكنى جىددىي ھالەتكە ئۆتتى ، بۇ يەردە كېچىدە يۈرۈش مەنئىي قىلىنىدۇ دەپ جاكارلىدى .ھەمدە شۇ جايدا بىر قوراللىق تەشكىلات قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .ئۇنىڭدىن باشقا جەنۇبتىكى شەھەر ئودىتسادا 2-ماي چوڭ بىر مەيدان قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن ،شەھەرلىك ھۆكۈمەت 3-مايدىن 5-مايغىچە ماتەم كۈنى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى .كۆپلىگەن ئامما 3-ماي ئوت كەتكەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ گۈل قۇيۇپ ،توقۇنۇشتا قازا قىلغان كىشىلەرگە تەزىيە بىلدۈردى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved