جاھان ئاگېنتلىقى 12-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، لىۋاندا يېڭىدىن تۇغۇلغان 36 مىڭدىن ئارتۇق سۇرىيەلىك بوۋاقنىڭ ھېچقانداق كىملىكى يوقلىقىنى ئېلان قىلدى. ۋەتىنى بولمىغان بۇ بوۋاقلار ئادەتتىكى ئىنسانىي ھۇقۇقلىرىدىنمۇ پايدىلىنالمايدۇ. ب د ت مۇساپىرلار ئالى كومىتىتى تەشۋىقات مەسئۇلى دانا سۇلايمان، لىۋاندا سۇرىيە كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان 51 مىڭ سۇرىيەلىك بوۋاقنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى، ھېچقانداق كىملىكى يوق 36 مىڭدىن ئارتۇق بوۋاقنىڭ ئادەتتىكى ئىنسانىي ھۇقۇقلىرىدىنمۇ پايدىلىنالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. سۇلايمان، بۇ خىلدىكى بوۋاقلارنىڭ مائارىپ ۋە سەھىيە قاتارلىق ئادەتتىكى ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ بالا ئىشلەمچىلەر، بالدۇر ئۆيلىنىش، قانۇنسىز پەرزەنت كۆرۈش ياكى جىنسى ئىزىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنداق كىملىكى يوق بالىلار ساياھەت قىلالمايدۇ، ئۆيلىنەلمەيدۇ ۋە قانۇنلۇق ئورۇنلاردا ئىشلىيەلمەيدۇ. بۇ خىلدىكى بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى كىملىك ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىكى ۋە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەلچىخانىلارغا بېرىشتىن قورقۇپ تۇرماقتا. لىۋانلىق بولمىغان يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى تۇغقانلىق ئىسپاتى ئېلىشى ئىنتايىن قىيىن ۋە زور چىقىم كېتىدىكەن، يەنە ئاتا ئانىلار توي خېتى ۋە كىملىك قاتارلىق بىر قانچە ئىسپاتلارنى تەييارلىشى كىرەك ئىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئىسپاتلارغا ئىگە ئەمەس ئىكەن.
سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىپ لىۋانغا پاناھلانغان سۇرىيەلىكلەر كىملىكىنى يۇقىتىپ قويغان ياكى سۇرىيە ئۇرۇشى 5-يىلغا قەدەم قويغان مۇددەت ئىچىدە كىملىكىنىڭ ۋاقتى توشقان، يېڭىلىنىشى كىرەك. سۇرىيەدە ئەنئەنىۋى ياكى دىنى يۇسۇن بويىچە ئۆيلەنگەن نۇرغۇن سۇرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ رەسمى توي خېتى يوق. لىۋاندا ئۇلارنىڭ ئەر-خوتۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەت يوق. لىۋاندىكى سۇرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ لىۋاندا تۇراقلىشىش رۇخسەتنامىسى يوق، لىۋاندا تۇرۇش رۇخسىتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن 15 ياشتىن يۇقىرى ھەر بىر كىشى 200 دوللار تۆلىشى كىرەك. ب د ت نىڭ ئىستاستىكا قىلىشىچە لىۋاندا 1 مىليون 200 مىڭ سۇرىيەلىك پاناھلانماقتا. پاناھلانغۇچىلارنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى بالىلاردىن ئىبارەت.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved