شىنخۇا تورى، رىياد، 23-يانۋار تېلېگراممىسى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھ ئوردىسى ئىشخانى 23-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، پادىشاھ ئابدۇللا 23-يانۋار 90 يېشىدا ۋاپات بولغان.
ۋەلىئەھدى سالمان تەختكە ۋارىسلىق قىلغان ھەمدە 2-تەختنىڭ ۋارىسى بولغانلىقىنى، 2-مۇئاۋىن باش ۋەزىرى مۇكلىننى ۋەلىئەھدىلىككە تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىغان.
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئابدۇللانىڭ نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەن. سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھ ئوردىسى ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئابدۇللانىڭ ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېنىقلانغانلىقتىن، ۋاقتىنچە نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسى بىلەن نەپەسلەنگەن.
ئابدۇللا 2005-يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، 2011-يىلى ۋە 2012-يىلى ئىككى قېتىم بەل قىسمىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان.
سەئۇدىي ئەرەبىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى، سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە تەخت ۋارىسى خەلقئارا جامائەتچىلىك ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved