گۇگېل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سۇندار پىچاي ھازىر ھىندىستاندا زىيارەتتە بولىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا، ھىندىستاننىڭ نۆۋەتتىكى كۆپلىگەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلار ئىچىدە يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشى بازار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. گۇگېل شىركىتى ھىندىستان تۇپرىقىغا ئەمدىلا قەدەم باستى، ھىندىستان دۇنيا كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىنقىلابىنىڭ ئالدىنقى سېپى بولغانلىقتىن، گۇگېل شىركىتىنىڭ قارىشىچە، گۇگېل شىركىتىنىڭ ھىندىستاندىكى تەرەققىياتى ھەر تەرەپكە چېتىلىدىكەن، مىسالغا ئالساق، گۇگېلنىڭ ئاددى ئىزدەش ماتورى مەخسۇس ھىندىستاندىكى تور سۈرئىتى ئاستا ئۈسكۈنىلەرگە قارىتىلىپ، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىكەن، ئىزدەش سۈرئىتىنى ئاشۇرىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا YouTube نىڭ قويۇش ئىقتىدارىنى توردىن چۈشۈرۈپ، تور يوق شارائىت ئاستىدىمۇ YouTube نىڭ ۋىدىئولىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.
گۇگېل شىركىتى 9-ئايدىلا ھىندىستاندىكى 400 پويىز ئىستانسىسىنى ھەقسىز Wi-Fi مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھازىر گۇگېل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سۇندار پىچاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بومباي مەركىزى پويىز ئىستانسىسىدا كېيىنكى ئايدا ھەقسىز Wi-Fi مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدىكەن، كېلەر يىلى 99 پويىز ئىستانسىسىنى ھەقسىز Wi-Fi مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. گۇگېل شىركىتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سۇندار پىچاينىڭ دىيىشىچە، 2016-يىلى ھىندىستاندىكى Android ئابونتلىرىنىڭ سانى تۇنجى قېتىم ئامېرىكدىكى Android ئابونتلىرىنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا گۇگېل شىركىتى داۋاملىق تۈردە ھىندىستان بازىرىنى Android سېستىمىلىق تۆۋەن تەننەرخلىق يانفونلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن، شۇنداقلا بۇ يانفونلارغا ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Android سېستىمىسىنى قاچىلاپ، ھىندىستان يېزىقىدىكى كۇنۇپكا تاختىسى، 11 خىل تىلنى ئالدىن قاچىلايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved