سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ كۆپىيىشى لىۋانغا تەسىر كۆرسەتتى

بەيدۇ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

     2011-يىلىنىڭ بېشىدا سۇرىيە كىرزىسى پارتىلاپ ھازىرغىچە ،قوشنا دۆلەت لىۋاندا تىزىمغا ئالدۇرغان سۈرىيىلىك مۇساپىرنىڭ سانى بىر مىلىيونغا يەتتى .زور تۈركۈمدىكى سۈرىيىلىك مۇساپىرلارنىڭ لىۋانغا كىرىشى ،لىۋاننىڭ ئىقتىساد ،داۋالىنىش ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا غايەت زور بېسىم پەيدا قىلدى .مۇساپىرلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ناھايتىمۇ تەسكە توختىماقتا .مۇخبىر يېقىندا لىۋاندا بىرمىلىيونىنچى مۇساپىر بولۇپ تىزىمغا ئالدۇرغان سۈرىيلىكنى زىيارەت قىلدى .


           ئۈچىنچى ئاينىڭ بېشىدا يەھيا ئانىسى ۋە ئىككى سىڭلىسى بىلەن سۈرىيەدىن ئايرىلغان ،ئۇلار كۆپ يەرلەرگە بېرىپ ئاخىرى لىۋاننىڭ شمالىي قىسمىغا كەلگەن ،3-ئاپرېل يەھيا يۇرتدىشىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ب دت مۇساپىرلار مەھكىمىسىدە تىزىمغا ئالدۇرۇپ ،لىۋاندا تىزىمغا ئالدۇرغان بىر مىلىيونىنچى سۈرىيىلىك مۇساپىر بولۇپ قالدى .يەھيا مۇنداق دېدى :‹بىر مىليون سۈرىيىلىكنىڭ ماڭا ئوخشاش كۈنگە قالغانلىقىنى بىلىپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى ،نەرسىلەرنىڭ باھاسمۇ بەك قىممەتلىشىپ كەتتى ،مۇساپىرلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ ،مەن بەك ئەنسىرەۋاتىمەن ›دېدى .ھازىر يەھيانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئانىسىنىڭ ئالتۇن كۈمۈش زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىنى ساتقان پۇلغا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزۋېتىپتۇ ،ئۆي ئىجارىسى ۋە باشقا ئاساسىي تۇرمۇش خىراجەتلىرىنى چىقىرىۋەتكەندە ئۇلار نىڭ قولىدا ئانچە كۆپ پۇل قالمايدىكەن .يەھيا تېزراق خىزمەت تېپىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ،ئەمما خېلى كۈنلەردىن بېرى ھېچقانداق خىزمەت تاپالمىغان .ئۇ مۇساپىر دەپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن تېزراق ياردەمگە ئېرىشىشىنى ئويلىدى .ئۇ يەنە :‹ھېچكىم دۆلىتىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ ،چۈنكى ھېچقانداق جاي ئۆيىڭىزدەك سىنى سىغدۇرالمايدۇ ›دېدى .يەھيانىڭ كەچۈرمىشى سۈرىيىدىكى نۇرغۇن مۇساپىرلارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا ۋەكىل بولالايدۇ .ئۇلار باشقا دۆلەتكە مىڭ بىر مۇشەققەتتە باردى ،ئەمما بىخەتەرلىك ئەھۋالىنىڭ بىرقەدەر ياخشىلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ،تۇرمۇشىنىڭ يەنىلا قىيىنچىلىقتا ئۆتكۈدىغانلىقىنى بايقىۋېلىش تەس ئەمەس .


    سۇرىيە كىرزىسى يۈز بەرگىنىگە ئۈچ يىلدىن ئاشتى ،ھازىر 2مىلىيون 500مىڭ سۈرىيىلىك سۈرىيەدىن قېچىپ چىققان ،نۇرغۇن مۇساپىر لىۋان ،تۈركىيە ،ئىئوردانىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرگە قېچىپ بارغان .لىۋاندا بىرمىلىيون مۇساپىر تىزىمغا ئالدۇرۇلدى ،بۇ لىۋان نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ .بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەركىزى بۇنى پاجىئەلىك ئابىدىگە ئوخشاتتى .كۆپلىگەن مۇساپىرلارنىڭ لىۋانغا ئېقىپ كىرىشى لىۋان نىڭ ئىقتىساد ،داۋالىنىش ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا بېسىم ئېلىپلا كەلمەستىن يەنە ،مۇساپىرلارنىڭ تۇرمۇش كاپالىتىنىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى .ب دت مۇساپىرلار مەھكىمىسى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ ،تىزىمغا ئالدۇرغان سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ 70% ئاشلىق ياردىمىگە ،ئوقۇش يېشىدىكى 400مىڭ بالا ئۇقۇشقا موھتاج دېدى .

 

 

لەگلەك تورى  ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نۇمۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
07-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە ئاساسى گۈللەندۈرۈش ھەم قاتناش مىنىستىرى Darren Chester 26-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىن يې...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى فىرانسىيە ۋە مىسىر بىرلىشىپ ئىككى شەخسى شىركەتنى مىسىر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە...
27-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىئوردانىيەنىڭ ئوماندا ئىئوردانىيە خان جەمەتى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىئوردانىيە مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى، خانىش ۋە ئۈچ بالىسى تەبرىكلەش پائالىي...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندوېزىيە زۇڭتۇڭى 26- ماي جىددىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى...
27-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.5 مىليون يۈەن) لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئې...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سىرىلانكا مۇقدىشو. ئۆتكەن نەچچە كۈندە مۇقدىشو ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە يۈز ئائىلىلىك كىشىنى يۇرت-ما...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن، 1916-يىلىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىدا ۋاپات بولغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كانادانىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىككېرس (Kevin Vickers) تەر...
27-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئوكرائىنا 112- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق سوۋ...
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
Powered by Leglek