ئۇزاق ۋاقىت كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىشنىڭ زىيىنى

سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىر ئېقىمى كومپيۇتېر ئېكرانىغا ئۈزلۈكسىز تەدسىر كۆرسىتىپ ، ئېكران يۈزىدە سىتاتىك زەرەت پەيدا قىلىدۇ . ستاتىك زەرەت ھاۋادىكى چاڭ – توزاننى زەرەتلەپ ، ئۇنى ئۆزىگە تارتىدىغان بولغاچقا ، كۆپ مىقداردىكى چاڭ – توزاننى كومپيۇتېر ئېكرانىغا ۋە ئېكران ئەتراپىغا يىغىۋالىدۇ .


ئادەتتە كومپيۇتېر ئېكرانى ئالدىدىكى ھاۋادا سىتاتىك زەرەت نىسبەتەن كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن چاڭ – توزان بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ . كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغاندا ، تېرە بۇ چاڭ – توزانلارنى ئاسانلا سۈمۈرىۋالىدۇ . نەتىجىدە تەر تۆشۈكچىلىرى تېرە سۈمۈرگەن چاڭ – توزانلار تەرىپىدىن ئېتىلىپ قالىدۇ . چاڭ – توزانلارغا قونۇۋالغان باكتېرىيە ، ۋىرۇسلار تېرە ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ ، تېرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماي ، باشقا ئەزالاردىمۇ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ . كومپىيۇتىردا مەشغۇلات قىلىش، كومپىيۇتىردا ئۇزاق مۇددەت مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا كومپىيوتېر ئېكرانىدىن چىققان ھەرخىل نۇرلار تەسىرىدىن چاچ چۈشۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.


ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كومپىيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق مەزگىل ئولتۇرغاندا ئادەم ئاسانلا ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ . كۆز چارچايدۇ ، مۈرىسى تېلىپ ، بېشى ، بېلى ئاغرىيدۇ ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ . ئەگەر بۇ ھالەت ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا ، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ، كېسەل پەيدا قىلىدۇ ۋە بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشى ، يېڭىلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ . نەتىجىدە تېرىنىڭ نەملىكنى ساقلىشى تەسلىشىدۇ .

ئىلاستىكىلىقى ناچارلىشىدۇ . شۇڭا كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغاندا ، مەشغۇلات ۋاقتىغا چەك قويۇش ، ھەر 30–45 مىنۇت ئەتراپىدا بىر دەم ئېلىش ، سىرتقا چىقىپ ئايلىنىش ، يۈزىنى پات – پات يۇيۇش ، كومپيۇتېر قويۇلغان ئورۇننىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .چۈشلۈك تاماقنى يەپ بۇلۇپلا كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار، ھەر ۋاقىت كومپىيوتىر ئېلىكتۇر ماگىنىت رادىئاكسىيەسىگە ئۇچىراپ تۇرىدىغانلار ، چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن 2 سائەت ئەتراپىدا قېتىق ئىچسە سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا ، چۈشتىن كىيىن قېتىق ئىچكەندە، يەنە جىدىيلىشىش كەيپىياتىڭىزنى تۆۋەنلىتىپ، خىزمەت بېسىمىنى يىنىكلىتىدۇ.

 

ھازىر يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ بىرىنچى قاتىلىغا ئايلانماقتا . جۇڭشەن ئۈنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى كۆز كېسىلى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى لۇ جىنخۇانىڭ ئېيتىشىچە، يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆزىگە بولغان زىيىنى تېلېۋىزورنىڭ كۆزگە بولغان زىيىنىنىڭ 12 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.

 

ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، كىتاب ئوقۇش، كومپيۇتېر، يان تېلېفون بىلەن مەشغۇلات قىلىش ۋاقتى زىيادە ئۇزاق بولۇپ كەتسە، ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسنىڭ تەكلىپى: بالىلارنىڭ يېقىندىكى نەرسىگە قارىغان ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە، چوقۇم دەرھال كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش كېرەك، بەش مېتىر ئارىلىقتىكى نەرسىلەرگە قاراپ بەرگەندە، كۆزگە بولغان پايدىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

 

يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالامەتلىرى:

 

1.كۆز چارچاش. بەزى بالىلارنىڭ كىتاب، كومپيۇتېر، يان تېلېفون كۆرگەن ۋاقتى ئۇزارغانسىرى، خەتلەر قوش كۆرۈنىدىكەن، بېشىنى كۆتۈرۈپ نەرسىلەرگە قارىغاندا، ئېنىق پەرق ئېتەلمەيدىكەن، نەرسىلەر تەۋرەنگەندەك كۆرۈنىدىكەن. بۇلار كىرپىكسىمان مۇسكۇللارنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، كۆزنىڭ چارچىشىدىن كېلىپ چىقىدىكەن.

 

2.كۆز سىرتى ياللۇغلىنىش. بىر قىسىم ياش – ئۆسمۈرلەردە دانچە ئىششىق، يىڭناسقۇ ياكى قاپاق گىرۋىكى ياللۇغى قاتارلىقلار تەكرار كۆرۈلىدىكەن. بەزىلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى 1.0 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن، بۇ ئالامەت سىزنىڭ ئاللىبۇرۇن يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىڭىز ھېسابلىنىدىكەن.

 

3.بىر نەرسە رېئاكسىيە قىلىۋاتقاندەك سەزگۈدە بولۇش. كۆز چارچىغاندا، كۆپىنچە بالىلاردا كۆزى ئوتتەك قىزىپ كېتىش،قىچىشىش، قۇرغاقلىشىش، ئاغرىق كېڭىيىش، ئېغىرلاشقاندا ئاغرىق كۆز چانىقىدىن كېڭىيىپ ھەتتا بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىش، گەجگە، بويۇن، مۆرە ئارقىسى سىرقىراپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇمۇ كۆز سەزگۈ نېرىپلىرىدە چارچاش خاراكتېرلىك زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا بولغانلىقتىن بولىدىكەن.

 

4. بەدەن نېرىپلىرى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى. ئەسلىدە ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بالىلاردا، ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، دەرس ئۆتۈلۈۋاتقاندا دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئىنكاسى تۆۋەنلەش، تېرىككەك بولۇپ قېلىش، ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىش، كۆپ تەرلەش، بېشى قېيىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. بۇمۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ يىقىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدىكەن.

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
06-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek