1- ئاپتوموبىلنىڭ موتور قىسمىنى تازىلاش:
ئاپتوموبىل موتورى نورمال خىزمەت قىلىۋاتقاندا، يېقىلغۇ پۈركۈگۈچ ئېغىزى، ئوت چاقناتقۇچنىڭ ئۇچى، كىلاپان، سىلىندىرنىڭ ئۈستى قىسمى، پورشېننىڭ خىزمەت يۈزى ۋە پورشېن ھالقىسى قاتارلىق زاپچاسلىرىدا قارا رەڭلىك كاربون قېتىشمىسى پەيدا بولىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تۇرۇپ قالغان كاربون قېتىشمىلىرى تېخىمۇ قاتتىق ھالەتكە ئايلىنىدۇ، بۇ قېتىشمىلار يۇقىرىقى زاپچاسلارغا چىڭ چاپلاشقان بولىدۇ، بۇ دەل موتورنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ۋە يېقىلغۇنىڭ نورمال پۈركۈلۈشىگە بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇ ئىس چىقىرىش تۇرۇبىسىدىن ھەددىدىن ئارتۇق ئىس چىقىش بىلەن بىللە يېقىلغۇ بىللە چىقىپ كېتىدۇ، بۇ ئوت چاقناتقۇچنىڭ ئۇچىدىكى كاربون قېتىشمىلىرىن بولغان بولىدۇ.
بۇ قېتىشمىلار ئاپتوموبىلنىڭ ئوبوروتتا نورمال تۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئوت چاقنىتىش نورمال بولمىغاچقا، پورشېن ھالقىسىنىڭ يېرىقلىرى تەسىرىگە ئۇچراپ، موتورنىڭ نورمال مايلىنىشىغا زىيان سالىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا مايلىنىش يوللىرىنى ئېتىۋېلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. يۇقارقى خەۋپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا موتور تازىلىغۇچى سۇيۇقلۇقنى ئىشلىتىش زۆرۈر بولىدۇ.
ئادەتتە موتور تازىلىغۇچى سۇيۇقلۇقنى بىۋاسىتە ماي باكىغا تۆكسەك بولىدۇ. تۆكۈش نىسبىتى ھەر لىتىر يېقىلغۇغا ئون گىرامدىن 15 گىرام ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. ئەگەر نىسبىتى جىق بولۇپ كەتسە، تەركىبىدىكى سۇ يېقىلغۇنىڭ نورمال كۆيىشىگە تەسىر قىلىپ، بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى ماي باكىغا تۆككەن ۋاقتىمىزدا چوقۇم موتور نورمال خىزمەت ھالىتىدە تۇرۇشى شەرت. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن موتورنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ئاشۇرۇپ قارىساق ئىس چىقىرىش تۇرۇبىسىدىن قارا ئىس چىققانلىقىنى كۆرىمىز، بۇ موتور ئىچىدىكى كاربونلىق قېتىشمىلارنىڭ تازىلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ تەسىرىدە پارچىلىنىپ ئىس ئارقىلىق چىقىپ كېتىشى بولىدۇ.
تەكلىپ: ئاپتوموبىل موتور قىسمى تازىلىنىپ بولغاندىن كىيىن، ۋاقتىدا يېقىلغۇ سۈزگۈچلىرىنى ئالماشتۇرۇۋېتىشىمىز لازىم. ئاپتوموبىل ھەر 10 مىڭ كىلومېتىر يۈرگەندە، يۇقىرىقى ئۇسۇل ئارقىلىق موتور قىسمىنى تازىلاپ تۇرۇشىمىز ھەم ئىشلەتكەن ئاپتولنىڭ سۈپىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
2- سۇ يوللىرىنى تازىلاش:
ئائىلىلەردە ئادەتتە چۆگۈنلەرنىڭ تېگىدە بىر قانچە قەۋەت ئاق دۇغنى كۆرۈپ تۇرىمىز، ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىلنىڭ رادىياتورىدىمۇ چۆگۈنگە ئوخشاش دۇغلارنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىئىي، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى دۇغلار كۆپىيىپ رادىياتورنىڭ سېغىمىنى كىچىكلىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۇيۇقلۇقنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر قىلىدۇ. دۇغلارنىڭ ئىسسىقلىقنى تارقىتىشى ياخشى بولمىغاچقا، موتورنىڭ مايلىنىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، زاپچاسلارنىڭ زىيادە قىزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئۇلانما زاپچاسلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىقى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، موتورنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە يېقىلغۇ بىھۇدە ئىسراپ بولىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا زاپچاسلار بۇزۇلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش كېرەك.
مەيلى سۇ ئارقىلىق سوۋۇتۇش بولسۇن، مەيلى توڭلىما سۇيۇقلۇق قۇيۇش بولسۇن تازىلىغۇچى سۇيۇقلۇقنى مەلۇم نىسبەتتە رادىياتورنىڭ ئىچىگە تۆكىمىز، تازىلىغۇچى سۇيۇقلۇقنى تۆككەندە موتور چوقۇم خىزمەت ھالىتىدە تۇرۇشى شەرت، بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن موتورنىڭ تېزلىكى ئاشۇرۇلۇپ رادىياتورنىڭ سۈيىنى قويۇپ بەرسەك، رادىياتور ئىچىدىكى دۇغلار سۇيۇقلۇق بىلەن تەڭ چىقىپ كېتىدۇ.
رادىياتور پاكىزلانغاندىن كېيىن، قايتا سۇيۇقلۇق قاچىلىساق ئاپتوموبىلنىڭ ئەسلىدىكىدىن ياخشى بولغانلىقىنى كۆرىمىز.
تەۋسىيە: يۇقارقى ئۇسۇلنى ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى – ئۈچ قېتىم داۋاملاشتۇرساق ئاپتوموبىلنىڭ ئۆمرى ئۇزىرايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved