يەمەندە ئىچكى ئۇرۇش خېيىم خەتىرى زورىيىۋاتىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 22-مارت جىددىي يىغىن ئېچىپ، يەمەن ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندىن كېيىن ماقۇللانغان رەئىس باياناتىدا قۇسەي قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ يەمەننىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى مەزگىلىگە بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئەيىبلەندى؛ يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەسلىك ۋە زوراۋانلىق قىلماسلىققا دەۋەت قىلىندى.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ يەمەن مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكىتى بۇ دۆلەتنى ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا سۆرەپ بارىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ توقۇنۇشنى تىنچلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى مۇراجەت قىلدى.
شۇ كۈنى قۇسەي قۇراللىق كۈچلىرى پايتەخت سانا بىلەن ئادىن ئارىسىدىكى مۇھىم شەھەر تايىستىكى بىر ئايدرومنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن، قايتا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن توقۇنۇشتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىر قۇسەي قۇراللىق كۈچلىرى تايىس شەھەر رايونىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە داۋاملىق جەنۇبقا ئىلگىرىلەپ، يەمەن زوڭتۇڭى ھادىنىڭ كونتروللىقىدىكى ئادىنغا قىستاپ كەلگەن.
شىئە مۇسۇلمانلىرى ئارقا كۆرۈنىشىدىكى قۇسەي قۇراللىق كۈچلىرى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا سانانى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان، كونترول قىلىۋاتقان رايون دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئۈچۈن سۈننى مەزھىپىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن توقۇنۇشتى. 20-مارت سانادا شىئە مەزھىپى مۇسۇلمانلىرى مەسچىتىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى. ھۇجۇم قىلغۇچى ئىككى مەسچىتتە بومبا پارتىلىتىپ، ئاز دېگەندە 137 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى ، 350 كىشى يارىلاندى. ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ يەمەن شۆبىسى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە بۇ قېتىمقى ۋەقەدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ھەرىكىتىمىزنىڭ ئاز بىر قىسمى دېدى.
21-مارت يەمەن زوڭتۇڭى ھادى ئادىندا تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ، ھۇجۇم تېررورلۇق، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئاجىزلىق قىلمىشى دەپ ئەيىبلەپ،قۇسەي قۇراللىق كۈچلىرىدىن پايتەختتىن چېكىنىپ چىقىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رىياسەتچىلىكىدىكى مەملىكەتلىك سۆزلىشىش ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ھادى سۆز قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قۇسەي قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ باش سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرگۈچىسى ھادىغا سادىق كۈچلەرگە داۋاملىق قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى. سانادىكى پارتلىتىش دېلوسى ئەرەب دۇنياسىنى زىل زىلگە سالدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى 20-مارت يەمەن زوڭتۇڭى ھادىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە رىيادتا يەمەندىكى ھەر قايسى سىياسىي كۈچلەر قاتنىشىدىغان يارىشىش سۆزلىشىشنى ئۆتكۈزۈشنى تىزدىن ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋەدە بەردى. مىسىرمۇ سانادىكى قانلىق ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
2011-يىلى 1-ئايدا ئەرەب باھارى بورىنى يەمەننى قاپلاپ، تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلدى؛جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك داۋالغۇدى. 33 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن سالىخ زوڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى، ھادى زوڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، 2012-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە يارىشىش مۇساپىسىنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى ئىنتايىن ئاز بولدى. يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان داۋالغۇش مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇپ، قىسمەن رايونلاردا ھوقۇق بوشلۇقىنى پەيدا قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ ياشىشىغا زېمىن ھازىرلاندى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سانادىكى زەنجىرسىمان پارتلىتىش دېلولىرىنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى شىئە مەزھىپى مۇسۇلمانلىرى بىلەن سۇننى مەزھىپى مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى تېخىمۇ زور توقۇنۇشنى پىلانلاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بولىشى مۇمكىن. قۇراللىق توقۇنۇش داۋاملىشىۋەرگەنلىكتىن يەمەندە يەنە مەملىكەت بويىچە ئىچكى ئۇرۇش كرىزىسى كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى زورايدى. يەمەن ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇسالام مۇھەممەد مۇنداق دېدى:يەمەن دىنىي مەزھەپلەر توقۇنۇشى جەھەتتە ئىراقنىڭ ئىزىنى بويلاپ مېڭىشى مۇمكىن. سانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پروفېسسورى نەجىف ھالىب مۇنداق دېدى: ھازىر ھەر قايسى تەرەپلەر يەمەننىڭ ھەممە يېرىنى كونترول قىلماچى بولىۋاتىدۇ، ياراشتۇرۇشنى خالىمايدۇ.
ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى جىف راتىك 20-مارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيىدىن باشقا رايونلارغا كېڭەيگەنلىكىدىن ھەمدە يەمەننىڭ ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا، ئامېرىكا يەمەندىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىش ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ۋاز كېچىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشىنى مۇراجەت قىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
24-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek