جۇڭگو بىلەن قازاقىستان 52 تۈر بويىچە ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىدى
14 – چىسلا، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان زۇڭلىلىرى سۆھبىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو تاشقى دېپلوماتىيە مىنىسترلىقى ياۋروپا ئاسىيا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى گۇيسۇڭيوۋ تاراتقۇلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. گۇيسۇڭيوۋ مۇنداق دېدى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى جەھەتتە بىر يىلدىن بۇيان ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھازىر 52 تۈر بويىچە ھەمكارلىشىش توختامى ئىمزالىدى، ئومۇمىي پۇل سوممىسى 24 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ.
گۇيسۇڭيوۋ مۇنداق دېدى، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغاندىن باشلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، ھەمدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى بولسا ئىككى دۆلەت زۇڭلىسىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىندى، «بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى جەھەتتە ئادەمنى خوشال قىلىدىغان ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. ئىككى تەرەپ ھازىر 52 تۈرلۈك ئېنىرگىيە ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىدى، بۇنىڭ پۇل سوممىسى 24.1 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. بۇ ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى ئىچىدە پولات تۆمۈر، سېمونت، ئەينەك، ماشىنا ياساش قاتارلىقلار بار. ھازىر، ماشىنا ياساقچىلىقى دېگەندەك تۈرلەردە ئاللىقاچان ئىش باشلىنىپ بولدى، ئاستانىدىكى ترامۋاي تۈرى بۇ يىل ئىش باشلايدۇ، كېلەر يىل يەنە بىر تۈركۈم تۈرلەر بار. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى «يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى» قۇرۇلۇشى ۋا قازاقىستان «نۇرلۇق يولى» يېڭى ئىقتىسادىي سىياسىتىنى بىر بىرىگە ئۇلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، يەنە ئىككى دۆلەت تەرەققىيات ئىستېراتىگىيەسىنى بىر بىرىگە باغلاشنى ھەمكارلىق تۈرى ئۈستىدە ھەقىقىى ئەمەلىيلەشتۈردى».
گۇيسۇڭيوۋ يەنە مۇنداق دېدى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان قوشنا دۆلەتلەر، ئىستېراتىگىيەلىك ماسلىشىدىغان شېرىكلەر، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك، ئىككى دۆلەت زۇڭلىسى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن كېيىن ئىمزالىغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئاخباراتى ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved