ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانسىتان ۋە پاكىستان ھەربىي قوماندانلىرى تۇنجى قېتىم ئالاقە قىززىق لىنىيىسى ئېچىپ، چېگرا رايوندىكى جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتمەكچى بولغان. پاكىستان ئارمىيە تەرەپ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۇنجى قېتىم ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا قىززىق لىنىيە ئېچىلىشى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا رايون مەسىلىلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغانىكەن. ئافغانسىتان كېلەر ھەپتە پاكىستان بىلەن بولغان قىززىق لىنىيە ئالاقىسىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئەمما جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىمۇ ئافغانىستان بىلەن تالىباننىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
بۇ ھەمكارلىق تۈرىنى پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى شەرىف ئافغانسىتان پايتەختى كابۇلدا زىيارەتتە بولغاندا ھاسىل قىلغان. مۇشۇ ئاينىڭ 29- كۈنى شەرىف ئافغانىستان زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئافغانىستان يارىشىش سۆھبىتىنى قايتا قوزغىتىپ، تېررورىزىمغا ئورتاق زەربە بېرىش قاتارلىق كۆپلىگەن تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved