جۇڭگو بانكا كارتىلىرى بىرلەشمە تەشكىلاتى 20 نەچچە سودا بانكىسى بىلەن بىرلىشىپ 12-دېكابىر بېيجىڭدا «بۇلۇت تېز تۆلەش»نى ئېلان قىلدى، بۇ دۆلەت ئىچى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم «بۇلۇت تېز تۆلەش»نى مەركەزلىك يولغا قويۇشى بولۇپ، تېخىمۇ بىخەتەر، قولاي كۆچمە چىقىم قىلىش دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. كىشىلەر بۇنىڭدىن كېيىن سىرتقا چىققاندا يانفوندىكى «بۇلۇت تېز تۆلەش» ئارقىلىق چىقىم قىلىپ، خەلقئارا ئىلغار پەن-تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن قولايلىق ۋە پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىدىن بەھرىلىنەيلەيدىغان بولدى.
ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان «بۇلۇت تېز تۆلەش» مەھسۇلاتى خەلقئارادا بىرىنچى HCEۋە Tokenتېخنىكىسى ئاساسىدا كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ بىخەتەر، قولايلىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، كەلگۈسى كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ ئاساسلىق تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن كېيىن، كارتا ئىگىسى پەقەت NFCئىقتىدارىغا ئىگە يانفون بىلەنلا يانفوننىڭ بانكا APPسىدە بىۋاسىتە «بۇلۇت تېز تۆلەش» كارتىسىغا ئېرىشەلەيدۇ. يانفون ئارقىلىق توردىكى جۇڭگو بانكا كارتىلىرى بىرلەشمە تەشكىلاتىنىڭ «تېز تۆلەش» بەلگىسى بار لىنىيەگە ئۇلاغلىق POSئاپپاراتىدا پۇل تۆلىيەلەيدۇ، توردىكى ئابونتلار جۇڭگو بانكا كارتىلىرى بىرلەشمە تەشكىلاتىنىڭ توردا پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىخەتەر پۇل تۆلىيەلەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved