ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فېدېرىكا موخېرىنى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋىنادا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىران يادرو مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە جازاسىنى كېلىشىمدىكى تەلەپ بويىچە 16-يانۋار بىكار قىلغانلىقى جاكارلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى جون كېررىيمۇ 16-يانۋار ۋىنادا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئوخشاش خىلدىكى ئۇچۇرنى جاكارلىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ھوقۇق بېرىشىغا ئېرىشكەن كېررىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئالاقىدار كېلىشىمگە ئاساسەن ئىران يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە جازاسىنى تولۇق بىكار قىلىدىكەن.
ياۋروپا، ئامېرىكا ئىرانغا قاراتقان جازانى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلاشتىن ئىلگىرى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى يۇكىيا ئامانو ۋىنادا دۇنيا جامائەتچىلىكگە ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنىڭ زۆرۈر تەييارلىق باسقۇچلىرىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved