جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى 28- دېكابىر «2015- يىللىق جۇڭگونىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تاماكا چېكىشىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئېلىمىزدە تاماكىنىڭ تارقىلىشى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، بىراق ئىسلىنىش ئەھۋالى سەل ياخشىلانغان، ئاممىنىڭ ئىسلىنىشنىڭ خەتىرىگە بولغان تونۇشى سەل يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئېلىمىزدە كىشىلەرنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى %27.7 بولۇپ، بەش يىلنىڭ ئالدىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى %52.1، ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى %2.7 بولغان، نوپۇسنىڭ ئومۇمىي سانى كۆپەيگەچكە، ھازىرقى تاماكا چېكىش نىسبىتى بويىچە پەرەز قىلغاندا، جۇڭگودا ھازىر تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى بەش يىلنىڭ ئالدىدىكىدىن 15 مىليون كۆپىيىپ، 316 مىليونغا يەتكەن. تاماكا چەككۈچىلەر ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15.2 تالدىن تاماكا چېكىدىغان بولۇپ، بەش يىلنىڭ ئالدىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر تال كۆپەيگەن.
تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بەش يىل جەريانىدا، ئاممىنىڭ ھەر خىل ئاممىۋى سورۇنلار ۋە خىزمەت ئورنى، ئىشخانىلاردا تاماكا چېكىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش خىزمىتىنى قوللاش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان. دوكلاتتا تېزدىن دۆلەت دەرىجىلىك ئومۇميۈزلۈك ئىس-تۈتەك يوق ئورۇن بەرپا قىلىش قانۇنى ماقۇللاش؛ تاماكىدىن ئېلىنىدىغان باج نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تاماكا ئىستىمالىنى تۆۋەنلىتىش؛ ئىسلىنىشنى كونترول قىلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، تاماكا قېپىغا ئاگاھلاندۇرۇش تەشۋىقات رەسىمى ئىشلەشنى كېڭەيتىش تەكلىپى بېرىلگەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved