مالايسىيا ساقچىلىرى گۇمانلىق 10 كىشىنى قولغا ئالدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
مالايسىيا ساقچىلىرى 20-ئاۋغۇست كەچتە مۇنداق دېدى: ساقچىلار ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ گۇمان قىلىنغان 10 كىشىنى قولغا ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ئەزالىرى ۋە مەمۇرلار بار. ساقچى تەرەپنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ گۇماندارلار ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىش، مەزكۇر تەشكىلات ئۈچۈن مەبلەغ ۋە ئىئانە توپلاش ھەمدە مالايسىيالىقلارنى سۇرىيەگە بېرىپ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ گۇمان قىلىندى. ساقچى تەرەپ مۇنداق دەپ قارىدى: ئۇلار مالايسىيادا قورالنى قولغا چۈشۈرۈپ ھۇجۇم قوزغاپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەۋەسىگە ئۆتكەن مالايسىيالىقلارنىڭ دۆلەتكە قايتىشىغا ياردەملىشىشكە ئورۇنغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved