چاۋشيەن 2016-يىلى 2-فېۋرال ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقىغا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش پىلانىنى ئۇقتۇرغان. خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتى 2-فېۋرال چاۋشيەن 8-فېۋرالدىن 25-فېۋرالغىچە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرمەكچى بولغانلىقىغا دائىر ئالامەتلەرنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ قارىشىچە، چاۋشيەننىڭ سۈنئىي قويۇپ بېرىشنى ئېلان قىلىشى يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشتىن دېرەك بېرىدىكەن.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 2-فېۋرال كەچتە خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن شۇ كۈنى پات يېقىندا قانات يايدۇرۇلىدىغان ‹‹سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش›› توغرىسىدا سەپەر ئاگاھلاندۇرۇشى تارقاتقان. خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتى چاۋشيەننىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، چاۋشيەننىڭ 8-فېۋرالدىن 25-فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا ‹‹يەرشارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى›› قويۇپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى دەلىللىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيە ‹‹ئورتاق›› ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقىنىڭ 2-فېۋرال چاۋشيەننىڭ شۇ كۈنى يەرشارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى ئاشكارىلىغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئالىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، چاۋشيەننىڭ خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقىغا ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشىنىڭ مەزمۇنى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشتىكى ھەرىكەت ئوربىتىسىنى ئورنىنى ئىلتىماس قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەككەن. بۇ كونكرېت ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك چۈشەندۈرۈشىگە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن. بۇ ئالىمنىڭ دېيىشىچە، چاستوتا بايلىقى ئىنتايىن جىددىي بولۇپ، ھەربىر دۆلەتكە تەقسىملەنگەن ئوربىتا ئورنى بېكىتىلىپ بولغان، ناۋادا خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقىغا ئىلتىماس سۇنماي قويۇپ بېرىدىغان ئىش بولسا، باشقا سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە دەخلى قىلىدىكەن. ناۋادا قويۇپ بېرىلگىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولسا، ئۇنداقتا ئۇ قوراللار دائىرىسىگە كىرىدىغان بولۇپ، خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقىنىڭ قاراشلىقىدا بولمايدىكەن، ئەمما باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشتىمۇ چوقۇم ئالاقىدار تەشكىلات ۋە ئورگانلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەككەن.
چاۋشيەننىڭ خەلقئارا تەشكىلاتقا سۇنغىنى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى، ئەمما فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنى قارىشىچە، چاۋشيەننىڭ يېڭى ھەرىكىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ‹‹چاۋشيەننىڭ يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش تەييارلىق قىلىش››قا ئالاقىدار پەرىزىنى دەلىللىگەن. ئىگىنىشىچە، تېخنىكا جەھەتتىن، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلىدىغان توشۇغۇچى راكېتادىن يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغىچە پەقەت بىرلا قەدەم كېتىدىكەن. 1998-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە چاۋشيەن ‹‹پارلاق يۇلتۇز 1-نومۇر›› ۋە ‹‹پارلاق يۇلتۇز 2-نومۇر›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن. 2012-يىلى، چاۋشيەن 2-قېتىملىق ‹‹پارلاق يۇلتۇز 3-نومۇر›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. بۇ بىر نەچچە قېتىملىق قويۇپ بېرىشتە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكا، ياپونىيە، كورېيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.
ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئېھتىماللىقىغا دائىر خەۋەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، چاۋشيەننىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر جىددىيلىشىشكە باشلىغان ھەمدە پۈتۈن كۈچى مۇداپىئە تورى قۇرۇشقا كىرىشكەن. ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى گېن ناكاتانىنىڭ 2-فېۋرال بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە توكيودىكى نارىما رايونىدىكى قۇرۇقلۇقتىكى قوغدىنىش ئەترىتى تۇرۇشلۇق ئورۇن، چىبا ناھىيەسى فۇناباشى شەھىرىدىكى لاگېر قاتارلىق جايلاردا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللانغان. شۇ كۈنى كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ‹‹چاۋشيەننىڭ يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئېھتىماللىقىغا كورېيە ھۆكۈمىتى قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ›› دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشكە ئالاقىدار پەرەزلەرنى يېقىندىن دىققەت قىلىش كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمىتى. كونكرېت ئەھۋاللار مەخپىي بولۇپ، ھازىرچە ئاشكارىلانمايدۇ.
ياپونىيە ‹‹ئاساخى خەۋەرلىرى››نىڭ قارىشىچە، چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى 16-فېۋرال، يەنى كىم جوڭئىلنىڭ تۇغۇلغان كۈنى قويۇپ بېرىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. ‹‹كورېيە گېزىتى››نىڭ قارىشىچە، چاۋشيەننىڭ ‹‹پارلاق يۇلتۇز 4-نومۇر›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش تەييارلىقى پۈتۈپ بولغان بولۇپ، ئالىي رەھبەر كىم جوڭئۇننىڭ بۇيرۇقىنىلا ساقلاپ قالغان.
چاۋشيەن 2016-يىلى 6-يانۋار، ۋودورود بومبىسىنى سىناق قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە چاۋشيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى ۋۇ داۋېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 2-فېۋرال پيۇڭياڭغا يېتىپ بارغان. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 2-فېۋرال كەچتە ‹‹يەرشارى ۋاقىت گېزىتى››نىڭ مۇخبىرىغا ۋۇ داۋېينىڭ ھازىر پيۇڭياڭدا بولۇپ، چاۋشيەن تەرەپ بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە، بۇنىڭ چاۋشيەننىڭ ۋودورود بومبىسىنىڭ سىنىقىدىن كېيىن جۇڭگو ئەمەلدارىنىڭ تۇنجى قېتىم چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved