ھەر بىر مال ساتقۇچى مەھسۇلاتنىڭ ياخشى سىتىلىشى ياكى سىتىلماسلىقىغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك مەسئۇل بولىشى كىرەك.ئەگەر سىز ھەر كۇنى : مەن بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئوخشايمەن. بۇ خىزمەت ماڭا ماس كەلمەيدۇ ،بۇ خىزمەتكە ماس كەلمەيدىكەنمەن، قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلىىشش بىلەن خوشۇم يوق، قارشى تەرەپنىڭ ياق دىيىشىدىن قورقىمەن،ياكى بولمىسا : مىنىڭ خوجايىنىمدا چاتاق بار، بەلكىم بۇ مەھسۇلات ياخشى ئەمەستۇر ، باھاسى قىممەت ،بازارغا ماس كەلمەيدۇ دەپ ئاغرىنسىڭىز ئۇنداقتا : سىز بىر يارىماس . دەرھال مال ساتقۇچىلىقتىن قول ئۇزۇڭ.
ئۇنداقلارغا ماس كىلىدىغان خىزمەت بولسا : مازارغا قاراش. ھىچكىمگە گەپ قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، يىتىۋالسىڭىزمۇ ،ئولتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. بەلكىم سىزنىڭ قىممىتىڭىز ئۇ ئالامگە بارغاندا ئىسپاتلىنشىنى مۇمكىن.
ھەر قانداق بىر كارخانىچى ،بولۇپمۇ بىزنىڭ مىللىي كارخانىچىلىرىمىز ،ھەرگىزمۇ ناچار مەھسۇلات ئىشلەپچىقارمايدۇ ، ئۇلارمۇ دۆت ئەمەس ، بەلكىم سۇپەت ،ماركا ،باھا ۋە تخىنىك جەھەتتە دۇنياغا داڭلىق كارخانىلارغا يىتەلمەس ،لىكىن ئۇلارنىىڭ تىرىشچانلىقى ھامان بىر كۇنى غەلبە مىۋىسىگە ئىرىشىدۇ . بىز ئۆزىمىزنىڭ كارخانىچىلىرىنى قوللىمىساق كىم قوللايدۇ؟؟؟
ئەگەردە ئاشۇ مىللىي كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ناچار دەيدىغانلار بولسا ،قىنى سىز ئۆزىڭىزمۇ بىر كارخانا قۇرۇپ سىناپ باقمامسىز؟؟؟
تۇركىىيەنىڭ ئۇلكەر مەھسۇلاتىنى ،ۋە بىر قىسىم ئىمپورىت مەھسۇلاتىنى ساختا ئىشلەپ بازارغا سالغانلارمۇ دەل بىزنىڭ دوستلىرىمىز ،لىكىن ئۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئارقىدىكى خەتلەرگە قارايدىغان بولسا : ھەممىسى دىگۇدەك ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەنگەن . ئۆزىمىز كارخانا قۇرمايمىز ،كارخانىچى دوستلارنىمۇ قوللاپ قويمايمىز ،بەلكى ئاشۇ ساختا مەھسۇلاتلار بىلەن تىرىشىپ ئۆزىگە ،كارخانىغا ،ئىستىمالچىلارغا ۋە جەمىيەتكە ئۆز تۆھپىسىنى قوشىۋاتقانلارغا ئورا كولايمىز .
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە ياشاش ئۇسۇلى بولىدۇ . ياشاشنىڭمۇ قەدىر -قىممىتى بولىشى كىرەك. بولۇپمۇ بىز ئىستىمال قىلىدىغان -يىمەك-ئىچمەككە نىسبەتەن ساختا مەھسۇلات ساتىدىغان دوستلار چوقۇم ۋىجدانغا ،ئۆزىگە يۇز كىلەلەيدىغان بولىشى كىرەك، بەلكىم شۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ئۇلارنىڭ باللىرى ،ئائىلىسى ،ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئىستىمال قىلىشى مۇمكىن.
بۇنداق مەھسۇلاتلار گەرچە ئىستىمال قىلىشقا بولسىمۇ ،لىكىن ساختا مەھسۇلات يەنىلا ساختا ،ھامان بىر چاتىقى چىقىدۇ.باھاسى ئەرزان دەپ سىتىۋەسە ئاخىردا ئۆزىمۇ ئاشۇ ساختا ،ئەرزان نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
مال ساتقۇچىلارمۇ كىچىككىنە پايدىنى كۆزلەپ ،ياكى تىز ساتقىلى بولىدۇ ،ئاسان ئالدىغىنى بولىدۇ دەپ ساختا مەھسۇلاتلارنى كۇچەپ تەشۋىق قىلماڭلار.
لاياقەتلىك بىر مال ساتقۇچى بولۇش ئۇچۇن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ ،بۇ دەل مەھسۇلاتنى ياخشى ساتالماسلىقنىڭ سەۋەبى:
1-ئۆزىڭىزگە ئىشەنمەيسىز.
ئۆزىڭىزگىمۇ ئىشەنمىسىڭىز ،باشقىلار قانداقمۇ سىزگە ئىشەنسۇن............
2-ئۆزىڭىز سىتىۋاتقان مەھسۇلاتقا ئىشەنچىڭىز يوق.
ئۆزىڭىزنىڭ كارخانىدىكىسى مەھسۇلاتنىڭ ياخشىلىقىغا ئىشەنمىسڭىز ،ئۇنداقتا سىز بۇ مەھسۇلاتنى قانداق قىلىپ سىتىپ چىقارماقچى........
3-ياخشى بولغان سىتىش پىلانىڭىز ۋە نىشانىڭىز يوق.
ئۇزۇن ،ئوتتۇرا ،قىسقا مەزگىللىك نىشان ،سىز نىمىگە ئىھتىياجلىق ،قانداق ئىرىشمەكچى ، مۇشۇلارنى ئويلىمىسىڭىز ۋە ھەل قىلمىسىڭىز ،ئۇنداقتا سىز يەنە ئۆز مەقسىتىڭىزگە يىتەلەمسىز.....
4-سىز ھورۇن ،تەييارلىقىڭىز پۇختا ئەمەس .
چوقۇم ياخشى بولغان قىزغىنلىق ۋە ئىرادە بولىشى ،تەييارلىقنى ياخشى قىلىشىڭىز كىرەك.
5-باشقىلارنىڭ رەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىشىڭىز تەس .
ئادەتتە كۆپلىگەن كىشىلەر سىزنى رەت قىلمايدۇ ،بەلكى سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز ۋە مۇلازىمىتىڭىزنى رەت قىلىدۇ.سىزنى رەت قىلسىمۇ نورمال ئەھۋال ،قارشى تەرەپ نىمىشقا سىزنى ۋە مەھسۇلاتىڭىزنى قوبۇل قىلىدۇ؟؟؟
6-ئۆز مەھسۇلاتىڭىزغا بولغان چۇشىنىش كەمچىل.
مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى ،ئىقتىدارى ،باشقا ئوخشاش مەھسۇلاتلار بىلەن بولغان پەرقى دىگەندەكلەرنى چوقۇم ياخشى بىلىشىڭىز كىرەك.
7-مەھسۇلات سىتىش جەريانىدىكى ئاساسىي ئۇسۇللارنى ھۆرمەت قىلمايسىز.
بۇ دىگەنلىك بولسا ، مەھسۇلات ساتقۇچى چوقۇم كۆپرەك ئۇگىنىشى ،كۆپرەك مۇناسىۋەتلىك ۋە باشقا كىتابلارنى كۆپرەك كۆرىشى، مۇناسىۋەتلىك يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشى كىرەك.
8-قارشى تەرەپنى چۇشەنمەيسىز شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىھتىياجىنىمۇ بىلمەيسىز.
ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنى چۇشىنىش ،ئۇلارنىڭ قانداق ئىھتىياجىنى بىلىشىڭىز كىرەك.(كۆپرەك ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاڭ).
9-مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقىڭىز ئاجىز .
بەزىدە مەھسۇلاتنىڭ بازاردىكى ئورنى ، مەھسۇلات باھاسى قاتارلىقلار نىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالمايمسىز . بازارغا ماسلىشىشنى بىلىشىڭىز كىرەك. (سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز بازاردا يىتەكچىلىك ئورۇننى ئىگەللىسە ئۇ باشقىچە).
10-مەھسۇلات سىتىش پىرىنسىپىغا ئەھمىيەت قىلمايسىز.
كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمىدىن ئىشىپ كىتىسىز ،ئۆزىڭىز ئويى بويىچە ئىش قىلىسىز.
11-سىزدە كوللىكتىپ روھى يوق.
ئىسىڭىزدە بولسۇن سىزدىن باشقا كارخانىدا يەنە باشقا خىزمەتچىلەرمۇ بار. نىشان بىر سىزنى دەپ ئەمەس بەلكى شۇ كارخانىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنى ئاساس قىلىشى كىرەك. شەخسىيەتچى بولماڭ.
12-پۇلنىڭ كۇچىگە ھەددىدىن-زىيادە چوقۇنىسىز.
پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس ،بۇنى چوقۇم بىلىشىڭىز لىرەك.
13-ۋەدىگە ئەمەل قىلماسلىق .
بۇنداق قىلىش سىزگىلا ئەمەس يەنە كارخانا ئىناۋىتىگىمۇ تەسىر يەتكۇزىدۇ.
14-ئۇزۇن مەزگىللىك مۇناسىۋەت تورىنى شەكىللەندۇرمەيسىز.
مەھسۇلاتنى سىتىپ بولۇپلا كارىڭىز بولمايدۇ ،ياكى سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتچىلەرگە ئىتتىرپ قويىسىز .
ئىستىمالچىنى ئۆزىڭىز بىلەن دوست بولۇشقا ئۆزگەرتەلىسڭىز ئۇنداقتا تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
سودىدا چوقۇم سەمىمىي بولۇش كىرەك........
15-تىرىشچانلىقنىڭ پايدىسىنى بىلمەيسىز ..
ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ باي بولغىنىنى ھىس قىلىپ باقتىڭىزمۇ ،مەيلى ئۇ ھارام ياكى ھالال بولسۇن.....
16-ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكىنى باشقىلاردىن كۆرىسىز..
مەھسۇلات سۇپىتى چاتاق ،باھاسى يۇقىرى ۋە ياكى باشلىق ئاشۇنداق دىگەندەك...مەسئۇلىيەت دىگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيسىز...
17- سەۋىر -تاقىتىڭىز چەكلىك ،چىدىماس.
ھەر ئىشنىڭ چوقۇم نەتىجىسى بولىدۇ. قارشى تەرەپ بىلەن بىر قىتىملا سۆزلىشىپ ۋاز كىچىسىز ،ئۇنداقتا سىز يەنە شۇ قارشى تەرەپ بىلەن يەنە سۆزلىشەمسىز.....
18-كەيپىياتىڭىز نورمال ئەمەس .
ياخشى بولغان كەيپىياتمۇ مەھسۇلات سىتىشنىڭ يىرىم غەلبىسى .قارشى تەرەپ سىزنىڭ قاپاق تۇرگەن ھالىتىڭىزنى كۆرسە يەنە سىزدىن مەھسۇلات سىتىۋالارمۇ................
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved