رۇسىيەدە چىقىدىغان «سودىگەرلەر گېزىتى»نىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭ پۇتىن ئالدىنقى ھەپتە كۇبادا زىيارەتتە بولغاندا ھاسىل قىلغان پىرىنسىپال كېلىشىم بويىچە، رۇسىيە كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانانىڭ جەنۇبىدىكى ئامېرىكىغا قارىتىلغان لوردىس سىمىز ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پونكىتىنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرىدىكەن.
سوۋىت ئىتتىپاقى 1967-يىلى لوردىس ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پونكىتىنى قۇرغان. بۇ پونكىت سوۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى چەتئەللەرگە ئورۇنلاشتۇرغان ئەڭ چوڭ سىمسىز ئېلېتىر كۆزىتىش مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ سىمىسىز ئېلېكتىر سېگنالى ۋە تېلېفون سېگنالىنى ئوغرىلىقە قوبۇل قىلغان.
2001-يىلى، رۇسىيە مەبلەغ كامچىل بولغاچقا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ پونكىتتىن ۋاز كەچكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رۇسىيە ھازىر بۇ پونكىتنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى قارار قىلغان، چۈنكى ھازىر رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى يەنە ناچارلاشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved