بۈگۈن مىكروسوفت شىركىتى چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىدىكى Surface Book خاتىرە كومپىيوتېرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سېتىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۈگۈندىن ئېتىبارەن مىكروسوفت تور سودا شەھەرچىسى، جىڭدۇڭ تورى، سۇنىڭ يىگوۋ تورى قاتارلىق تور سودا شەھەرچىلىرى شۇنداقلا ئەمەلىي دۇكانلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خاتىرە كومپىيوتېرنى سېتىۋالغىلى بولىدىغان بولدى. نۆۋەتتە، Surface Book خاتىرە كومپىيوتېرىنىڭ دۆلەت ئىچى بازارلىرىغا تۆت خىل سەپلەنمىلىك نۇسخىسى بازارغا سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتىنچى ئەۋلاد Intel Core i5-6300U بىر تەرەپ قىلغۇچ، 8GB لىق ئىچكى سىغىم ۋە 128GB لىق قاتتىق دېسكا سەپلەنگەن نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 11088 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەنىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئالتىنچى ئەۋلاد Intel Core i5-6300U بىر تەرەپ قىلغۇچ، 8GB لىق ئىچكى سىغىم ۋە 256GB لىق قاتتىق دېسكا سەپلەنگەن نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 14088 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن.
ئالتىنچى ئەۋلاد Intel Core i7-6600U بىر تەرەپ قىلغۇچ، 8GB لىق ئىچكى سىغىم ۋە 256GB لىق قاتتىق دېسكا سەپلەنگەن نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 15588 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن.
ئالتىنچى ئەۋلاد Intel Core i7-6600U بىر تەرەپ قىلغۇچ، 16GB لىق ئىچكى سىغىم ۋە 512GB لىق قاتتىق دېسكا سەپلەنگەن نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 20088 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن.
باشقا ئىقتىدار سەپلەنمىسى جەھەتتە، Surface Book خاتىرە كومپىيوتېرىغا 13.5 دىيۇملۇق PixelSense چەكمە ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، ئېكرانىنىڭ سېزىمچانلىقى 3000×2000 غا يەتكۈزۈلگەن. بۇ خاتىرە كومپىيوتېرغا يەنە بەش مىليون پېكسىللىق ئالدى كامىرا، سەككىز مىليون پېكسىللىق ئارقا كامىرا سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى دانە USB 3.0 ئېغىزى، SD كارتا ئوقۇغۇچ، mini DisplayPort شۇنداقلا نائۇشنىك ئېغىزى قاتارلىقلارمۇ سەپلەنگەن.
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، Surface Book خاتىرە كومپىيوتېرىنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىنى ئېلىۋەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ھەم خاتىرە كومپىيوتېر ھەم تاختا كومپىيوتېر قىلىپ ئىشلەتكىلى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ يۇقىرى سەپلەنمىلىك Surface Book خاتىرە كومپىيوتېرىنىڭ ئىقتىدارى ئالما شىركىتى MBP نىڭ ئىككى ھەسسىسىگە يەتكۈزۈلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved