ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمچىسى گىرۇد ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەيدان سىرتىدىكى تالاش تارتىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىككىنچى ئايدا خىرۇستال ئوردا كۇلۇبى بىلەن مۇسابىقە ئويناشتىن بۇرۇن، ئەنگىلىيەنىڭ بىر گېزىتىگە گىرۇدنىڭ رېستۇراندىكى ناچار سۈرەتلىرى بېسىلغان. بۇ ئىشتى كېيىن گىرۇد ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە مەشقاۋۇل ۋېنگىردىن كەچۈرۈم سورىغان. بۇ ئىشقا نىسبەتەن گىرۇد مۇنداق دېگەن:« بەزى چاغلاردا بۇ ئىش ماڭا بەك ئېغىر كېلىدۇ، بىراق توپ مەيدانىدا مەن پەقەت ئۆز كەسپىمگىلا سادىق بولۇشۇم كېرەك، ئۇ بولسىمۇ تىرىشىپ توپ تېپىش. مېنىڭچە مەندە ناھايىتى كۈچلۈك بولغان پىسخىك ساپا بار، ھەممە ئىشلانى مەن ئۆزۈم لايىقىدا بىرتەرەپ قىلالايمەن. راستىنى دېسەم بۇ ئىشلار ماڭا ھەقىقەتەن تەسىر يەتكۈزدى، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ مەيداندىكى ئىپادەمگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ.»
ئۇنىڭدىن كېيىن گىرۇد ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئەھۋالغا نىسبەتەن مۇنداق دېگەن:« مەن بېنزىمانىڭ ئىپادىسىنىڭ مەندىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىمەن، مەن ئۆزۈمنى پەقەت زاپاس ئەزا بولۇشقا مۇناسىپ دەپ ھېس قىلىمەن، ماڭا نۇرغۇن پۇرسەتلەر بار. بىراق مەن كەسكىن ئەمەس، پۇرسەتلەرنى قولدىن بىرىپ قويىمەن، بېنزىما ھەقىقەتەن قالتىس، مەن ئۇنىڭدىن ئۆگەنسەم بولىدۇ، مەن تېخىمۇ ئىلگىرلىيەلەيمەن، بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل.»
پۇتبول تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved