Android Wear نىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، LG شىركىتىمۇ تاقىۋېلىشقا بولىدىغان ئۈسكۈنىلەر تەتقىقاتىغا زور كۈچ سەرپ قىلماقتا. ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان G Watch دىن باشقا، LG شىركىتى بۈگۈن يەنە بالىلارنىڭ ئىزىغا چۈشەلەيدىغان KIZON بىلەيزۈكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ مەھسۇلات GPS ۋە WIFI ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەيدۇ ھەم ئەقلىيفون ياكى تاختا كومپيۇتېر ئارقىلىق ئورۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى ۋاقتىدا كۆرۈپ تۇرغىلى بولىدۇ. بۇندىن باشقا KIZON غا يەنە بىر چاقىرىش كۇنۇپكىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن ھەر ۋاقىت ئالاقىلىشىپ تۇرالايدۇ.
ئەگەر بالىلار 10 سېكۇنت ئىچىدە كەلگەن تېلېفوننى ئالمىسا، KIZON ئاپتوماتىك ھالدا ئۇلىنىپ ، ئائىلە باشلىقى ئىچكى قىسىمغا سەپلەنگەن مىكروفون ئارقىلىق ئەھۋالنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى بىلەلەيدۇ.
KIZON مەھسۇلاتىنىڭ يەنە بىر كۆرۈنەرلىك ئىقتىدارى بولسا، «ئورۇن ئەسكەرتىش» سىگنالى چىقىرىش، ئائىلە باشلىقى ئەگەر ئالاھىدە ۋاقىت ۋە ئالاھىدە ئورۇننى ئالدىن توغرىلاپ قويسا ئەسكەرتىش سىگنالى چىقىرىدۇ. بىلەيزۈكنىڭ ئىچكى قىسمىغا 400 مىللى ئامپېرلىق باتارېيە سەپلەنگەن بولۇپ، بىر قېتىم زەرەتلىسە 36 سائەت ئىشلىتىشكە يېتىدۇ، ئەگەر توك مىقدارى %25 دىن تۆۋەنلەپ كەتسە، ئائىلە باشلىقى ئاپتوماتىك ھالدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ.
بالىلارنىڭ KIZON بىلەيزۈكىنى ياقتۇرۇپ تاقىشى ئۈچۈن، رەڭگىگە ئارىلاشما رەڭ ئىشلىتىلگەندىن سىرت، KIZON بىلەيزۈكىگە ھەرخىل قىزىقارلىق كارتون نەقىشلىرى چۈشۈرۈلگەن. KIZON بىلەيزۈكى ئەتە كورىيە بازارلىرىدا تۇنجى قېتىم تارقىتىلىدۇ، كۈزدە بولسا ياۋروپا ۋە شىمالى ئامېرىكا بازارلىرىدا بازارغا سېلىنىدۇ.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved