نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئىككى بىسلىق پىچاق

نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە خەلقئارا نېفىت باھاسى يېقىندا چۈشۈپ كەتتى. تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئىككى بىسلىق پىچاق ئىكەن. نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى خام نېفىت ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تەنەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىستېمال ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى جانلاندۇرىدىكەن، لېكىن خام نېفىت ئېسكپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە مالىيەسىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىكەن.


دۇنيادا خام نېفىت تەمىناتى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن نېفىت باھاسى چۈشۈپ كەتتى. بىر تەرەپتىن دۇنيادىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتلەر ئىشلەپ چىقىرىشنى تېزلەتتى؛ يەنە بىر تەرەپ دۇنيا ئىتقىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، نېفىت ئېھتىياجى تۆۋەنلەپ كەتتى.


تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئىراق، ئىران ۋە لىۋىيەنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئېكسپورت مىقدارى ئاشقان، بۇ خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋبچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا ئىقتىسادى 2008-يىلدىك ئىقتىسادىي كىرىزىستىن تولۇق قۇتۇلالمىغاچقا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ساھەسىدە نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ، خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسىشىنى چەكلەپ قويغان.
دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئىككى بىسلىق پىچاق ھېسابلىنىدۇ.


بىر تەرەپتىن، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى خام نېفىت ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تەنەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىستېمال ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، بۇ ياخشى ئىش. ئامېرىكىنى مىسالغا ئالساق، ئىستېمال ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادقا تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلەرنىڭ بىرى، بېنزىن باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئامېرىكىدىكى ئائىلىلەرنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى ئستېمالىنى كۆپەيتىدۇ، بۇ ئىقتىسادنى غىدىقلايدۇ.
جۇڭگوغا نىسبەتەن، خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى خام نېفىت ئىمپورت چىقىمىنى ئازلىتىدۇ، بۇ پۇل پاخالىشىش بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ، ئالاقىدار ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكىلەر تۆۋەن تەنەرختىن نەپ ئالىدۇ.


ئىلگىرى نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى نۇرغۇن نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتلەرگە نەپ ئېلىپ كەلگەن، ئۇلار نۇرغۇن بايلىق يىغقان. لېكىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى نېفىت باھاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. نېفىت باھاسى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن خام نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مالىيەسى زور خەۋپكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
رۇسىيەگە نىسبەتەن، رۇسىيە مالىيە خامچوتىنى خام نېفىت باھاسىغا قاراپ تۈزىدىغان بولغاچقا، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى رۇسىيەنىڭ مالىيە كىرىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇندىن باشقا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى پاي چېكى بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ، كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. بۇ سەۋەبلىك يەنە پۇل تېز پاخالىشىپ كېتىدۇ، مال باھاسى ئۆرلەيدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.


قىسقا ۋاقىتتىن قارىغاندا، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ جازاسى تۈپەيلىدىن رۇسىيە ئىقتىسادى دۇچ كېلىدىغان خەۋپ زورىيىشى مۇمكىن، بۇمۇ نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. رۇسىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈپ، رۇسىيە ئىقتىسادىنى ئاجىزلىتىپ، رۇسىيەنىڭ سىياسىيسى ۋە جەمئىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرماقچى بولغان.


نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە رۇبلىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈردى، بۇ يىل رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشتى.
خەلقئارا نېفىت سودىسىدا ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېساۋات قىلىنىدىغان بولغاچقا، رۇسىيە نېفىت ئېكسپورت قىلىپ تاپقان رۇبلىنىڭ پايدىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمىدى. بىراق رۇبلى قىممىتىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشى رۇسىيەدە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن.


بۇندىن باشقا رۇسىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى چوقۇم كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى. رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ مۇنداق دېدى: نېفىت گاز سانائىتى رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى، ھازىر نېفىت گاز بايلىقىنى ئېچىش ۋە تەكشۈرۈش جەھەتتە يېڭى تېخنىكا قوللىنىشقا ئالاھىدە ئەمھىيەت بېرىپ، رۇسىيە نېفىت گاز سانائىتىنىڭ دۇنيادىكى باشلامچىلىق ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


رۇسىيەنىڭ تەخمىنەن 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پېرىۋوت زاپىسى بار، ھەر يىلقى مالىيە خامچوتىدا زاپاس فوند قالدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كەلگەن خەۋپكە تاقابىل تۇرىدۇ. بۇندىن باشقا رۇسىيەمۇ ئېنېرگىيە ئېكسپورتىغا بەك تايىنىۋالسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.


سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمايدۇ، لېكىن مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆز ئالدىغا تۆۋەنلىتىشنىمۇ خالىمايدۇ، بەلكى نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن تەڭ مەھسۇلاتنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى باھانى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق غەرب ئەللىرىنىڭ نېفىت شىركەتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشقا قىستاپ، بازاردىكى ئۆلۈشىنى كېڭەيتمەكچى بولغان، بولۇپمۇ باھانى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئامېرىكا قاتارلىق باشقا نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ سىلانېتىس گازى تېخنىكىسى ئارقىلىق نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتىشىنى چەكلىمەكچى بولغان.



خەتكۈچلەر:
21-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek