ئۇزۇن مۇددەت تويۇپ غىزالىنىش ھازىرقى زامان ئۇزۇقلۇقشۇناسلىق ئىلمىدە بايقىلىشىچە، تاماق يەپ تويۇنغاندىن كېيىن، چوڭ مېڭىدىكى «بىخ تالاسى ھۈجەيرىسى ئۆسۈكچە پاكتۇرى» دەپ ئاتالغان ماددا كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ كېتىدىكەن. بۇ «بىخ تالاسى ھۈجەيرىسى ئۆسۈكچە پاكتۇرى»نىڭ ئىقتىدارى كۈچىيىپ، قىلدام تومۇرلارنىڭ ئېندوتېلىيە ھۈجەيرىسى ۋە ياغ كۆپىيىپ كېتىپ، ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى يۈز بېرىدىكەن. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت تويۇپ غىزالانغاندا، جەزمەن نېرۋا ئارتېرىيەسىنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى بالدۇرلا چېكىنىپ كېتىدىكەن. ئەتىگەنلىك تاماققا سەل قاراش ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەن كىشىنىڭ قان شېكىرىنىڭ تۆۋەنلەپ، نورمال تەمىنلەش تەسىرگە ئۇچراپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرسىز بولىدىكەن، بۇ ئۇزاققا سوزۇلسا چوڭ مېڭىگە زىيانلىق ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى ئەقلى ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ناشتىلىق قىلغان بالىلارنىڭ دەرسخانىدىكى تەپەككۇرى ئۇزاققىچە ئەڭ ياخشى بولىدىكەن. بىراق، دانلىق ئاشلىق بالىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە زېھنى كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن. تاتلىق يېمەكلىكنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىش تاتلىق يېمەكلىكنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتكەن بالىلارنىڭ كۆپ ھاللاردا ئەقىل بۆلۈنمىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن. چۈنكى بۇ، بالىلارنىڭ چوڭ مېڭە قىسىمىنىڭ ئۆسۈشى يېمەك–ئىچمەكتىكى ئاقسىلنىڭ سۈپىتى ۋە ۋىتامىنلارنىڭ تولۇق بولۇشىدىن ئايرىلالمايدىكەن، شۇنداقلا، تاتلىق يېمەكلىكلەر ئىشتىھانى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن. يۇقىرى ئاقسىللىق ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىش، ئورگانىزىملارنىڭ ناچارلىشىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەن. نەتىجىدە چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved