ئەنگىلىيەنىڭ«كۈندىلىك تېلگرامما خەۋىرى گېزىتى»نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئەنگىلىيەدىكى بىر دېھقانچىلىق ئورنىدىكى ھايۋاناتلار باغچىسىدا ياشايدىغان Zulu بەلكىم دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز زىراپە بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى تەخمىنەن 5.8 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى زىراپىلەردىن 1.2 مېتىر ئېگىز ئىكەن. ئۇ بۇ بويى بىلەن ئۆزى بىلەن بىللە ياشايدىغان ئۈچ ئەركەك زىراپىدىن ئېگىز تۇرىدىكەن. بۇ زىراپە بەك ئېگىز بولغاچقا، باققۇچىلارمۇ ئۇنىڭ بويىنى ئېنىق ئۆلچەشكە ئامالسىز قالغان. پەقەت ئۇنىڭ بويىنىڭ سولانغان ئالتە مېتىر ئېگزىلىكتىكى قەپەستىن پاكار ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1.3 توننا بولۇپ، بەش يىلنىڭ ئالدىدا گوللاندىيەدىن ئەنگىلىيەگە كەلتۈرۈلگەن. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بويى نۇرغۇنلىغان كەسپىي ھايۋانات توشۇغۇچىلارنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغان.
بويى ئېگىز بولغان بۇ زىراپە كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بولۇپ، گەرچە سىرتتا ئۇنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى بىر ئارتۇقچىلىق بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپانىڭ ھايۋانات كۆپىيىش پىلانى بويىچە، بۇ زىراپە بەلكىم بىر ئۆمۈر يالغۇز ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.
لېكىن، ئۇنىڭ بويى ئېگىز بولسىمۇ، ناھايىتى مۇلايىم ھەم چىقىشقاق ئىكەن. كىچىك بالىلار ھەتتا ئۇنىڭ بېشى بىلەن بۇرنىنى تۇتۇپ باقىدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved