چاغان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يۇرتىغا كېتىۋاتقان ھامىلدار ئايال پويىزدا يەڭگىدى

        1-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچ سائەت سەككىزدىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، بېيجىڭدىن نەننىڭغا قاراپ يولغا چىققان Z285 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزدىكى رادىئودىن ناھايىتى جىددىي بېرىلگەن ئۇچۇر ئاڭلاندى:«پويىزدا بىر ھامىلدار ئايال يەڭگىش ئالدىدا تۇرماقتا، بالا تۇغدۇرۇپ باققان تەجرىبىلىك دوختۇرلار ياكى يولۇچىلار تېزدىن 8-ۋاگونغا كېلىپ ياردەم قىلىڭلار». رادىئودىن بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلىغان جېڭجۇ ئۇنۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى- ۋاڭ مېڭ بىلەن لىيۇجۇدىن پېنسىيىگە چىققان دوختۇر- سەي گۇيرۇڭ قاتارلىقلار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ھەم پويىز خادىملىرى تەييارلىغان ۋاقىتلىق تۇغۇت ئۆيىدە ھامىلدار ئايالنى تۇغدۇرۇشقا باشلىغان.

       شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پويىز باشلىقى-سۇڭ شىيەننەن جېڭجۇ تۆمۈر يول ئىدارىسى يولۇچىلار پويىزى دىسپېتچېرىلىك ئىشخانىسىغا بۇ ئەھۋالنى دوكلات قىلىپ، جېڭجۇ 120 جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ دەرھال جېڭجۇ ۋوگزالىغا ماشىنا ئەۋەتىپ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. پويىزدىكى يولۇچىلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا، «تۇغۇت ئۆيى» دىن توختىماستىن خۇش خەۋەر تارقىلىشقا باشلىغان، يەنە بۇ ھامىلدار ئايال ساغلام ئوغۇل بوۋاق يەڭگىگەن بولۇپ، پويىزمۇ جېڭجۇ ۋوگزالىغا كىرىپ كەلگەن، ۋوگزال سۇپىسىدا ساقلاپ تۇرغان جېڭجۇ 120 جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ دوختۇر-سېستىرالىرى دەرھال تۇغۇتلۇق ئايال بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى پويىزدىن چۈشۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەن.

        پويىز باشلىقى-سۇڭ شىيەننەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھامىلدار ئايال بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ، پويىزغا چىققان چاغدا ئالغان بېلىتى ئۈستۈنكى كارۋاتنىڭ بېلىتى ئىكەن، پويىز خادىملىرى ئۇنىڭ ھەركەت قىلىشىنىڭ قولايسىزلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنىڭ ئورنىنى ئاستىنقى كارۋاتلىق ئورۇنغا تەڭشەپ بەرگەن، لېكىن پويىز ئۈچ سائەت ماڭا-ماڭمايلا بۇ ئايالنىڭ قورسىقى قاتتىق ئاغرىشقا باشلىغان، بەختكە يارىشا، پويىزدا جىددىي قۇتقۇزۇش دورا ساندۇقى بار بولۇپ، تەلىيىگە يارىشا، يەنە پويىزدىن دوختۇرلارمۇ تېپىلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال ساق-سالامەت ھالدا يەڭگىۋالغان.



خەتكۈچلەر:
28-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-04-2016
     شۇ جاي ۋاقتى  2016-يىلى 27-ئاپرېل، گوللاندىيە. گوللاندىيە پادىشاھى ۋېليام ئالېكساندىر ۋە خانىش ماكسىما ئۈچ قىزى بىلەن بىللە «پادىشاھ بايرىمى» نى تەبرىكلەشكە قاتناشتى.
28-04-2016
    باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنقىلابىي كونا رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، بىر يېرىم سائەت ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭدىن مەخسۇس خېفېيغا، يەنە بىر يېرىم سائەت ماشىنىغا ئولتۇرۇپ جىنجەيگە، يەنە ب...
28-04-2016
    بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ بايلار كۆرسەتكۈچىگە ئاساسلانغاندا، ما يۈننىڭ بايلىقى بىر كېچىدىلا 4 مىليارد 300 مىليون دوللار كۆپەيگەن، ئومۇمىي بايلىقى لى جياچېڭ ۋە ۋاڭ جيەنلىندىن ئېشىپ، ئاسىيا بايلار تىزىملىكىدە 1-ئورۇنغا...
28-04-2016
     سىرتقى قىياپىتى قارا ۋە سېرىق رەڭدىن تەركىب تاپقان، سىيرىلما رېلىس شەكلىدىكى توپ ئۇرۇش تاختىسى ۋە مېخانىكىلىق ھەرىكەت تەگلىكى بار، ئىككى تال پەي توپ پالىقى «تۇتقان» پەي توپ ماشىنا ئادەم يېقىندا توردىكى قىزىق ...
28-04-2016
    يېقىندا ئۆزىنىڭ ئالدىنىش سەزگۈزەشتىسى سۆزلەنگەن ئۇزۇن ماقالە توردا كەڭ تارقالدى. كۆپ تەرەپ ئالاقىلىشىش ئارقىلىق مۇخبىر بىۋاسىتە ئالاقىدار كىشى شياۋ شۈنى ئىزدەپ تاپتى. شياۋ شۈ خىزمەتكە چىققىلى ئۇزۇن بولمىغان ئوقۇش پ...
28-04-2016
1. «كېمىڭگە قىيىداپ بېرىۋاتىسەن؟» 2. «بۈگۈن مەكتەپتىكى ئىپادەڭ قانداقراق؟» 3. «بۇنداق ئويلىغىنىپ پۈتۈنلەي خاتا.» 4. «ھەمىشە قالايمىقان پۇل خەجلىمە!» 5. «سەندەك ۋاقتىمدا ئاللىقاچان خىزمەتكە قاتنىشىپ بولغان.» ...
28-04-2016
     2014-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىكى 200 مىڭ كادىر نۆۋەت بىلەن بىر يىل ...
28-04-2016
    گورباچېۋ، تولۇق ئىسمى Mikhail Sergeyevich Gorbachev، رۇس، 1931-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سىتاۋروپول چېگرا رايونىدىكى بىر كەنتتە دۇنياغا كەلگەن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئا...
28-04-2016
    4-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ئوت ماكانى . ئۈجمە پەسلى ۋە داۋازلىق ماھارىتى» پائالىيىتى تاراتقۇ خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، 3-نۆۋەتلىك ئۈجمە پەسلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتنى ئ...
28-04-2016
    چەت ئەل مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا. «MIT پەن-تېخنىكا ئوبزورى»دىكى جاۋابلارغا ئاساسلانغاندا، بىل گەيتىس شەخشىي يادرو پارچىلاش شىركىتى TerraPowerغا مەبلەغ سالغان ھەمدە TerraPower نىڭ جۇڭگودا شىركەت قۇرىدىغا...
Powered by Leglek