تالىبان «باھار ھەرىكتى»نى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
يەر شارى خەۋەر تورى 22-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تالىبان ھەرىكتىى باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ھۆكۈمەتكە قارشى بۇ يىللىق باھار ھەرىكىتى «كەسكىن ئىرادە» ناملىق ھۇجۇمىنى جۈمە كۈنى سائەت 05:00 دە باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مۇجاھىد يەنە، ئافغانىستاندىكى بارلىق چەتئەللىك كۈچلەر ئافغانىستاندىن چېكىنگەنگە قەدەر قۇراللىق كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
باياناتچى مۇجاھىد، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىسى ئاياغلاشقان بولىسمۇ، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ دۆلەتنىڭ بىر قىسىم رايۇنلىرىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان بىلەن ئىمزالىغان ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى دائىرىسىدە ھازىرغا قەدەر دۆلەتنىڭ ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ساھەسىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مۇجاھىد يەنە، ئامېرىكىنىڭ تالىباننىڭ قارشىلىق كۈرىشى نەتىجىسىدە كۆپ سانلىق ھەربىي قىسملىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈپ مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ھەر يىلى ھاۋا ئىسسىشى ۋە باھار پەسلىدە باشلىنىدىغان «باھار ھۇجۇم ھەرىكتى» گە بۇ يىل «كەسكىن ئىرادە» دەپ نام بېرىلدى. ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندىكى مۇددىتى ئۆتكەن يىلى ئاياغلاشقاندىن كېيىن بۇ يىل ئافغانستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى تالىبانغا قارشى يالغۇز كۈرەش قىلىدىغان تۇنجى يىل بولىدۇ. ئافغانىستان قىسىملىرىنىڭ ھاۋا كۈچى يوق بولۇپ، ئېغىر تىپتىكى قۇراللارغا ئىگە، بۇ يىل قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن شىمالى قىسىمدا تالىباننىڭ ھۇجۇملىرى كۆپىيۋاتىدۇ، شىمالدىكى سامانگان رايۇنىدا تۈنۈگۈن ئاخشام تالىبان ئەزالىرى جايلاشقان بىر ئۆي ئافغانىستان قىسىملىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ تۇقۇنۇش يۈز بەرگەن نەتىجىدە 6 قۇراللىق ۋە بىر ساقچى ئۆلگەن، يەنە بىر ساقچى يارىلانغان.
23-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: يەر شارى خەۋەر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
|
 |
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
|
 |
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
|
 |
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
|
 |
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
|
 |
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى:
چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
|
 |
فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
|
 |
مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
|
 |
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
|
 |
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
|