بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ياۋروپا كومىتېتى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئاۋىستىرىيىنىڭ ۋىنادا ئېچىلدى .يىغىنغا قاتناشقان ئۇكرائىنانىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتىيە مىنىستىرى ،يېڭىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىندا ،روسىيە 25-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمىنى قوللاپ ،جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتسە ،ھەم ئۇكرائىاندىكى روسىيىگە مايىل كۈچلەرنى قوللاشنى توختاتسا ،ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك جەنۋە سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن .
17-ئاپرېل ،ئامېرىكا ،ياۋروپا ئىتتىپاقى روسىيە ۋە ئۇكرائىنالار شىۋېىتسىينڭ جەنۋەدە ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە تۆت تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ ،كېلىشىم تۈزۈپ ،ھەقىقىي بىر تەدبىر قوللىنىپ جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە قوشۇلدى . بۇ يىغىنغا قاتناشقان روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 6-ماي كەچتىكى مۇخبىرلار نى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى : ‹روسىيە كىيېۋ دائىرلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ھەرقايسى رايونلىرى ئوتتۇرسىدىكى سۆزلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللايدۇ ،
ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئوخشاش ھەرىكەت قوللىنىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ ،كىيېۋ دائىرلىرى قورال بىلەن تاقابىل تۇردى . بۇنداق ئەھۋالدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈش مۇۋاپىق ئەمەس .سۆھبەت ئۇسۇلى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسا ، ئوكرائىنادىكى روسىيىگە مايىل ۋەكىللەرمۇ سۆھبەتكە قاتنىشىشى كېرەك . ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى جىددىي ،ئوكرائىنانى چۆرىدەپ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي كۈچ سىنىشى ئېغىرلاشتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved