‹‹بۈگۈنكى ئامېرىكا›› تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، Facebook نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك زاكېربېرگ تۈنۈگۈن بۇ شىركەتنىڭ يېڭى ئىشخانىسىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا، 2030-يىلىغا بارغاندا، Facebook ئابونتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ بەش مىلياردقا يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
زاكېربېرگ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ‹‹بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، بارلىق كىشىلەر ئالاقە قىلالايدىغان نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز›› دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، زاكېربېرگنىڭ نىشانى ‹‹پۈتۈن دۇنيادىكى يەتتە مىليارد كىشى ئىچىدىكى بەش مىليارد ئادەم ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى ئىشلىتىش›› ئىكەن. ئەلۋەتتە، يەتتە مىليارد ئادەم نۆۋەتتىكى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسى بولۇپ، زاكېربېرگنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا كەلگۈسى 14 يىل ئىچىدە دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئېشىشى نۆل دەپ پەرەز قىلىنغان. ھالبۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2030-يىلىغا بارغاندا، دۇنيا نوپۇسى 8.5 مىلياردقا يېتىدىكەن. بىراق، مەيلى قانداقلا بولسۇن، 8.5 مىليارد ئادەم ئىچىدىكى بەش مىليارد ئادەم Facebook نىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇ كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەققىيات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved