سۇدان زۇڭتۇڭى بەشىر يېقىندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 2-قېتىملىق ئاچقۇچلۇق ياز پەسىللىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى، بۇنىڭدىن مەقسەت سۇدان تەۋەسىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى يوقىتىشدىن ئىبارەت. بەشىر مۇنداق دېدى: ئارمىيە بارلىق تەييارلىقلارنى ئىشلەپ قويدى، ئىنچىكە ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت ئارقىلىق، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى يوقىتىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
بەشىر مۇنداق دېدى: سۇدان ھۆكۈمىتى تىنچلىق ۋە ئىچكى ئىختىلاپنى تىنىچ يولى بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، بىراق ھوشيارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرماستىن، توپىلاڭچى ئۇنسۇرلارنىڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە تاقابىل تۇرىدۇ. ئۇ يەنە بارلىق پارتىيەلەرنى مەملىكەتلىك سۆزلىشىشكە قاتنىشىشقا چاقىردى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved