ئوبۇلنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹2014 – يىللىق قاتناش تەرەققىياتى ئاق تاشلىق كىتابى›› ئېلان قىلىنغان. بۇ كىتابقا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى قاتناش يولۇچى توشۇش مىقدارى 6 مىليون ئادەم/ قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، 2012 – يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %100ئاشقان. ‹‹ئاق تاشلىق كىتاب››تا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سىرتقى قاتناش، يول سىستېمىسى، ئاممىۋى قاتناش، كىچىك تىپتىكى كىرا ئاپتوموبىلى، ئاپتوموبىل توختىتىش، قاتناشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، قاتناش مۇھىتى قاتارلىق 14 جەھەتتىكى تەرەققىيات پىلانى تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، بۇلار ئۈرۈمچىنىڭ ئايروپورت قۇرۇلۇشى، شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول قۇرۇلۇشى، ئۈرۈمچى – سانجى شەھىرىنىڭ قاتنىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، رېلىسلىق قاتناش ۋە تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناشنىڭ تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، تاكسى كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قىسمەن رايونلاردا ۋېلىسىپىت مىنىپ يولغا چىقىش مۇھىتى يارىتىش، ئاممىۋى قاتناشنىڭ بېلەت باھاسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ياساش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە چېتىلىدىكەن.
‹‹ئاق تاشلىق كىتاب››قا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى كەلگۈسى ئون يىلدا غەربىي رايوندىكى مەركىزىي شەھەر دېگەن نامغا ماس كېلىدىغان قاتناش مەركىزىنى بەرپا قىلىپ، رېلىسلىق قاتناش ۋە تېز سۈرئەتلىك قاتناشنى ئاساسىي غول قىلغان، ئادەتتىكى قاتناشنى ئاساس قىلغان، قالغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تولۇقلىما قىلغان، يولۇچى قاتناش تۈگۈنى تۇتاشقان ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىمچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى 820 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئاپتوموبىللاردىن چىققان كېرەكسىز گاز ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۈرۈمچى شەھىرى سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىشلىتىدىغان، ماينىمۇ، توكنىمۇ يېقىلغۇ قىلغان، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئاممىۋى ئاپتوموبىللارنىڭ نىسبىتىنى %80تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشنى، شەھەر بويىچە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى 1 مىليون 100 مىڭغا ياكى 1 مىليون 200 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاپتۇ.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved