تىم كۇك جوبىسقا جىگىرىنى بەرمەكچى بولغان

رېيتېر ئاگېنتلىقى 14-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تېخنىكا تۆگىسى بولغان «ئالما» شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تىم كۇكنىڭ ، 2011-يىلى شىركەتنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغان قۇرغۇچىسى ستېۋ جوبىسقا جىگىرىدىن بىر قىسىمنى بەرمەكچى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.
بۇ يىل بازارغا سېلىنغان "Becoming Steve Jobs (سىتېۋ جوبىس بولۇش)” ناملىق كىتابتىن ئۈزۈندىلەر ئىنتېرنىتتا كەڭ تارقالدى. ئالما شىركىتىنىڭ قانداق قىلىپ دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدىن بىرى بولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن كىتابتا، ئالما شىركىتىنىڭ ھازىرقى ئىجرائىيە باش ئەمەلدارى تىم كۇكنىڭ، 2004-يىلىدىن باشلاپ كىسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن دوستى سىتېۋ جوبىسقا جىگىرىنىڭ بىر قىسىمىنى بېرىشنى تەكلىپ قىلغانلىقى، دوستى جوبىسنىڭ بولسا كۇكنىڭ بۇ تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئېيتىلغان.
كىتابتا جوبىسنىڭ 2009-يىلىدا جىگەر ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسىنى كۈتىۋاتقان مەزگىلدە، كۇكنىڭ خۇجايىنى ۋە دوستى جوبىسنى ئۆيىدە دائىم زىيارەت قىلغانلىقى ۋە ئەزا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا كىرەكلىك ئىشلارنى بىجىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
جوبىسنىڭ ، كۇكنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغاندا، كۇكنىڭ سۆز قىلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلماستىن، «بۇنداق قىلىشىڭغا ئەسلا رۇخسەت قىلمايمەن» دېگەن.
ستېۋ جوبىس ، 2011-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئالما شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىقىدىن ئىستىپا بەرگەن ئىدى، شۇ يىلى 6-ئۆكتەبىردە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان كۈرەش قىلىۋاتقان كېسىلى سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.



15-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek