يەر شارى خەۋەر تورى 13-ئاپرېل تېلىگراممىسى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تەكشۈرۈش-ئىستاستىكا شىركەتلىرى ئاشكارىلىغان دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا 2015-يىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا كومپىيۇتېر سېتىلىش نىسبىتى تۈۋەنلىگەن. ئەقلىي يانفۇن ۋە تاختا كومپىيۇتېرلارنىڭ كەڭ تارقىلىشى كومپىيۇتېر سېتىلىش نىسىبىتىنىڭ تۈۋەنلىشىگە سەۋەب بولغان. يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋال 2015-يىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئىستاستىكا دوكلاتلىرىدا ئاشكارىلانغان. تەكشۈرۈش شىركىتى بولغان IDC ۋە Gartner نىڭ يېقىنقى دوكلاتىغا قارىغاندا بۇ يىل كومپىيۇتېر سېتىلىش نىسبىتى تۈۋەنلىگەن. IDC نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا كومپىيۇتېر سېتىلىش نىسبىتى يۈزدە 6.7% تۈۋەنلىگەن. Gartner نىڭ دوكلاتىدا بولسا يۈزدە 5.2% نىسبەتتە چۈشكەن. IDC نىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا دۇنيا مىقياسىدا 68.4 مىليون كومپىيۇتېر بازارغا چىقىرىلغان، Gartner نىڭ دوكلاتىدا 71.7 مىليون كومپىيۇتېر بازارغا چىقىرىلغان. ئىككى شىركەتنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئازراق پەرىقلەنگەن بولسىمۇ، بازاردىكى دەسلەپكى قاتاردىكى ئۈچ ماركا بولسا : Lenovo, HP ۋە Dell
![]() |
Spendwalle تەتقىقات قوشۇنى يېقىندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرونلۇق ھەميانغا ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان MFE ماگنىت مەيدانى تېخنىكىسىنى ئېلان قىلدى.
Spendwallet نىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئەنئەنىۋىي NFC تېخن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved