17-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، دۆلەت ئىسلاھات تەرەققىيات كومىتېتى رايونىمىزغا ئالتە تۈرلۈك مەركەز خامچوتىغا ئومۇمىي 1 مىليارد 339 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، شىنجاڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىدىكەن.3-تۈركۈمدىكى مەركەز خامچوتى 110 مىليۇن يۈەننى مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، رايونىمىزدىكى 56 يېزا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتاق قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، 1848 يۈرۈش ئوقۇتقۇچىلارغا ياتاق سىلىپ بېرىلىپ 3600 نەپەر يېزىلاردىكى قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە تۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قابىليەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 2015-يىلى مەركەز خامچوتىدىن 210 مىليۇن يۈەن ئاجرىتىلىپ، رايونىمىزدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىلارنىڭ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved