گۇئادىئولانىڭ نىشانى مانچېستىر بىرلەشمىسى ۋە 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى

         گۇئادىئولانىڭ نىشانى مانچېستىر بىرلەشمىسى ۋە برازىلىيەنى يىتەكلەپ 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش

       ياۋروپادىكى ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بايرېن مىيۇنخېن ترېنېرى گۇئادىئولا كوماندا بىلەن توختام ئۇزارتمايدىغان بولۇپ، مۇشۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن گېرمانىيە زەردارىدىن ئايرىلىدىكەن. گۇئادىئولا كېيىنكى قەدەمدە بەلكىم ئارام ئېلىشنى تاللىشى ياكى مانچېستىر شەھىرى، مانچېستىر بىرلەشمىسى ۋە چېلسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنگىلاند كۇلۇبىغا بېرىشى مۇمكىن. BBC نىڭ ئىسپانىيەلىك پۇتبول مۇتەخەسىسى گراھام ھېنرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، گۇئادىئولانىڭ ئەڭ يىتەكلەشنى ئويلايدىغىنى مانچېستىر بىرلەشمىسى، يىراق نىشانى برازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنى يىتەكلەپ 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش.

گراھام ھېنرى ئاشكارلاپ:«ناۋادا گۇئادىئولاغا تاللىغۇزساق، ئۇ مانچېستىر بىرلەشمىسىنى ئۆزىنىڭ كېيىنكى نىشانى قىلىدۇ. گۇئادىئولا كونا تىرافولىدنىڭ ئەسەبىي كەيپىياتىدىن ئىنتايىن ھۇزۇرلىنىدۇ، توپچىلىق مەزگىلىدە مانچېستىر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىش پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالغان، بۈگۈنكى كۈندە گۇئادىئولا ئارزۇسىغا يىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» دېدى.

        ئەڭ ئاخىرىدا ھېنرى گۇئادىئولانىڭ يىراق نىشانى بولسا 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى مەزگىلىدە برازىلىيەنى يىتەكلەش دەپ ئاشكارلىدى.

      2013-يىلى بايرېن مىيۇنخېننى يىتەكلىگەندىن كېيىن، گۇئادىئولا ئىلگىرىكى ئىككى پەسىلدە گېرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ئەمما گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە «چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى مونوپول قىلىۋالغان» بايرېن مىيۇنخېنغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى بولسا ھەقىقى جەڭ مەيدانى، لىكىن گۇئادىئولا بايرېندىكى ئالدىنقى ئىككى پەسىلدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى مەيدانىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. 2013-2014 پەسىل مادرىدنىڭ مەغلۇپ قىلىشىغا ئۇچرىدى، ئىككى ئايلانمىدا 0-5 نەتىجىدە شاللاندى. 2014-2015 پەسىل ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، بايرېن نوكەمپۇدا بارسېلوناغا 3-0 نەتىجىدە مەغلۇپ بولدى، گەرچە ئىككىنچى ئايلانمىدا 3-2 نەتىجىدە غەلبە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق ئەمەلىي خاراكتىرلىك رولى بولمىدى. بىراق بۇ پەسىل بايرېننىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجە يارىتىش پۇرسىتى ناھايىتى چوڭ، چۈنكى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى بىر قانچە كۈچلۈك كۇلۇب ۋە مادرىد ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بايرېننىڭ چېمپىيونلۇق تالىشىش رەقىبى يەنىلا بارسېلونا بولىشى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
19-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسى يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە، مېھمان مەيداندا 1 : 2 نەتىجە بىلەن گېرمانىيەدىكى بايرىن مىيۇ...
04-05-2016
     ئەتە سەھەر ئوينىلىدىغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مانچېستىر شەھىرى مېھمان مەيداندا خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى كۆك ھىلال ئاي قوشۇنىنىڭ مۇداپىيەچىسى زابالېتا ئ...
04-05-2016
      قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن يوپۇغا ناھىيەسىدىكى مىللىيچە چېلىشىشقا ئامراق ھەر مىللەت يوپۇغا خەلقى بۇ يىللىق ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئوغلانلار›› مىللىيچە چېلىشىش...
04-05-2016
     لېيچېستېر شەھىرى بۇ پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ مەشقاۋۇلى رانېرىمۇ بىرلەشمىنىڭ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. رانېرى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن ...
04-05-2016
    ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشدا خانلىق مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئىنگلاند زەردارى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن 0-0 تەڭلىشىپ قالدى. ناۋادا ئەتە سەھەردە ئۆتكۈزۈلىدى...
04-05-2016
    ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئاياللار ساھىل ۋالىبولى كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ ‹‹ۋاڭيۈەن›› بىيو تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە قوللاش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى 26 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى...
02-05-2016
     تاقا كوماندىسى بىلەن چاقماق كوماندىسىنىڭ ئۇچرىشىشى ئىزچىل تۈردە كىشىلەر تەرىپىدىن «كوللىكتىپ ۋاسكېتبول» بىلەن «شەخسىي تالانت» نىڭ رىقابىتى دەپ قارىلىپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردىكى ئۇچرىشىشىمۇ...
02-05-2016
     2015-2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشتىن بۇرۇن، AC مىلان كۇلۇبى 90 مىليون ياۋرو سەرپ قىلىپ بىر قانچە پۇتبولچىنى سېتىۋالغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ھازىرقى بىرلەشمىدىكى ئورنىغا قارىغاندا، 90 مىليون ياۋرو بۇ تارىخى ئۇزۇن...
01-05-2016
    4-ئاينىڭ 30-كۈنى، لاتۋىيە پايتەختى رىگادىكى ئېسپىلاندىن مەيدانى، رېستۇران مۇلازىملىرى لىققىدە مېنىرال سۇ قاچىلانغان ئېگىز ئىستاكان ۋە پەتنۇسلارنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. شۇ كۈنى لاتۋىيە پايتەختى رىگادا...
01-05-2016
    «مىيۇنخېن كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە زەردارى بايرىن مېيۇنخېن ئۆز مەيدانىدا مۇددەتتىن بۇرۇن چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، رىبېرىنىڭ مادرىد ئاتلېتكا بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانل...
Powered by Leglek