ۋاڭ شۆبىڭ باشچىلىقىدىكى تاماشا سەھنىسىدە چاقنىغان شىنجاڭلىق 10 داڭلىق چولپان

 ئىككى خەۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ، بۇنىڭ بىرسى ، لى ياپىڭنىڭ چېچى بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەن ، يەنە بىرى بولسا ۋاڭ شۆبىڭنىڭ زەھەرگە چېتىلىپ قېلىشى 2015-يىلىدىكى چوڭ سەھنە ئەسىرى «تۈرمىدىكى بوران چاپقۇن2» نىڭ پەردىسىنى ئېچىپ بەردى ،ھەمدە بىۋاسىتە ھالدا چېن جىيەنبىننىڭ تۇنجى ئەسىرى «بىرتال قوشۇق» نىڭ قويۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئۈچەيلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقداش بولۇپلا قالماستىن ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭلىق  . ئەلۋەتتە شىنجاڭدىن چىققان ئارتىسلار بۇلارلا ئەمەس ، تۆۋەندە تاماشا سەھنىسىدە چاقنىغان 10 داڭلىق شىنجاڭلىق ئارتىسنى كۆرۈپ چىقايلى . 


1.ۋاڭ شۆبىڭ يۇرتى : شىنجاڭ ئۈرۈمچىۋاڭ شۆبىڭ 1998 - يىلى ياشلىق ھايات تەسۋىرلەنگەن «مۇھەببىتىمىز ئاداققىچە» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن نام قازانغان ، كېيىنچە «ناتونۇش ئادەملەرگە گەپ قىلماڭ» ، « مۇتلەق كونترول قىلىش » ، « چىڭداۋ ئاسمىنى » ، « تەڭرىتاغدىكى يەتتە پالۋان » قاتارلىق كۆپلىگەن ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتېرلىرىدا رول ئېلىپ سەنئەت ساھەسىدە چاقنىغان ، ئېكراندا كۆپلىگەن ساقچىنىڭ ئوبرازىنى ياراتقاچقا ساقچى كەسپىي ئائىلىسى دېگەن  نانغا ئېرىشكەن ، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 10 - كۈنى زەھەرلىك چېكىملىككە چېتىلىپ قالغانلىقتىن بېيجىڭ ساقچى دائىرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان . 


2. لى ياپېڭيۇرتى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى لى ياپېڭ « مۇھەببىتىمىز ئاداققىچە » ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا تايىنىپ بىر كېچىدىلا نامى چىققان ، كېيىنچە « يۇرت كىزەر » ، « پالۋاننىڭ رىۋايىتى » ناملىق فىلىملىرى ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن . 2005- يىلى توي قىلغاندىن كېيىن تەسىرى ۋە خىزمىتى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ، ھەمدە كەسپىنى ئاستا - ئاستا پەردە ئارقىسى ۋە سودا ئىشلىرىغا قاراتقان . 2014 - يىلى يىل ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ تاماشا ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ، خەير - ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . يېقىندا ئۇ بىر يېقىن دوستىنىڭ تور مۇراسىمىغا قاتناشقاندا رەسىمگە تارتىۋېلىنغان ، چېچىنى تەكشى قىلىپ ياسىتىۋالغان بولۇپ چېچى ئازلاپ بېشىنىڭ تېگى كۆرۈنۈپلا قالغان ئىدى . 


3. چېن جىيەنبىنيۇرتى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى چېن جيەن بىن 1998- يىلى مەركىزى تىياتىر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن بۇيان بەك داڭق قازىنىپ كەتمىگەن ھەم تونۇلمايمۇ قالمىغان ، 2006 - يىلىغا كەلگەندىلا « جىياۋ ئائىلىسى قورۇسى » دا رول ئېلىپ داڭقى چىققان ، شۇنىڭدىن كېيىن « ئۈچ پادىشاھلىق » ، « ئارقا ئوردا رىۋايىتى » دا رول ئېلىشى بىلەن سەنئەت ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن ، ئۇنىڭ 2014 - يىلى تۇنجى ئۆزى يېزىپ ، ئۆزى رىجىسسورلۇق قىلىپ ، ئۆزى رول ئالغان فىلىمى « بىر تال قوشۇق » 51 - نۆۋەتلىك تەيۋەن ئالتۇن ئات كىنو مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى يېڭى رىجىسسورى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 

 

4. نىغمەت يۇرتى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى نىغمەت 2006 - يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلىنىڭ « كۆڭۈل ئاچقۇچى لۇغەت » پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ ، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسىگە ئايلانغان ، ھەمدە ۋاڭ شياۋ يا بىلەن بىرلىكتە « كۆڭۈل ئاچقۇچى لۇغەت » كە رىياسەتچى بولغان ، كېيىنچە « ئائىلە سەپەرۋەرلىكى » ، « ياڭراق ئەكس سادا » « بەخت ئىشىك ئالدىدا » قاتارلىق پىروگراممىلىرى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ ياخشى پىروگراممىسى بولۇپ قالغان ، قوي يىلى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە نىغمەت تۇنجى قېتىم رىياسەتچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى . 


5. لى يوڭيۇرتى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى لى يوڭ 1991 - يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا قوشۇلغان ، « تەلەي 52 » ، « ئادەتتىن تاشقىرى 1+6 » ، « ئارزۇيۇمدىكى جۇڭگو » قاتارلىق ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرىغا تايىنىپ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى ئەڭ داڭلىق رىياسەتچىنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان ھەمدە ئۇدا بىرقانچە يىل چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رىياسەتچىسى بولغان ، 2013 - يىلى 3- ئايدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئايرىلىپ ئانا مەكتىپى جۇڭگو ئاخبارات ئۇنۋېرسىتىتىغا قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان .

 

6.جياڭ شىنيۇرتى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى جياڭ شىن 8 ياش ۋاقتىدىلا كىنولاردا رول ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ ، 2003 يىلى جاڭ جى جوڭ نۇسخىسىدىكى « ئەجدېھا قوشۇنى » دا رول ئېلىش بىلەن تونۇلغان . 2004 - يىلى قەدىمكى ئۇرۇش فىلىمى « ئەۋلىيا قىلىچى خاسىيەتلىك پالۋان رىۋايىتى » ۋە « خۇشال خۇرام يەتتە پەرىشتە » دە رول ئالغان . 2011 - يىلىدىكى بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ، 2014 - يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى « دېھقان » ، « توينى گۆھەردەك بىلىش » ۋە « مى يۆ رىۋايىتى » دە رول ئېلىپ ئىچكىرىدىكى قىزىل گۈللەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان .

 

7. دۇەن يى خوڭيۇرتى : شىنجاڭ غۇلجا دۇەن يى خوڭ 1998- يىلى بۇ ساھەگە قەدەم قويغان ، 2003 - يىلى « ئىككىنچى ئۇكا » ناملىق كىنوسى بىلەن ھىندىستان يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كىنو بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ، 2006 - يىلى « ئەسكەرنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى » دا رول ئېلىپ تونۇلغان ، يەنە شۇ يىلى « مېنىڭ پولك كوماندېرىم مېنىڭ پولكىم » ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا لوڭ ۋېن جاڭ نىڭ رولىنى ئالغان ، 2011 - يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ، « ئاق بۇغا تۈزلەڭلىكى » ، « غەرب قەھرىمانى» ، « 1942 » قاتارلىق كىنولاردا باش رول ئالغان.

 


8. دوڭ لى يا يۇرتى : شىنجاڭ غۇلجا دوڭ لى يا شىنجاڭ غۇلجىدا تۇغۇلغان ، 2011 - يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى « قەسىر قۇلۇپى » دا رول ئېلىپ داڭق قازانغان ؛ كىيىن مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى « بېيجىڭدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى » ئارقىلىق تېخىمۇ تونۇلغان ، 2014 - يىلى 1 - ئايدا توي قىلغان ھەم شۇ يىلى شۈكې رىژېسسورلۇق قىلغان فىلىم ۋە لىن لىڭدوڭ رىجىسسورلۇق قىلغان فىلىم « سىرلىق ياۋۇز شەھەر » دە رول ئالغان ، 2015 - يىلى 3- ئاينىڭ 4 - كۈنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پانۇس بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئارتىس چىن لەن ، ما سۇ ، ۋاڭ لىكۈن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇسۇل ئورۇنلىغان .

 


9. گۈلنەزەريۇرتى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى گۈلنەزەر 2011 - يىلى بېيجىڭ كىنو ئۇنىۋېرسىتېتى ئورۇنلاش ئىنستىتۇتىنىڭ تولۇق كۇرسىغا قوبۇل قىلىنغان ، مەكتەپ گۈلى دېگەن نامغا ئېرىشكەن ، ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا شاڭخەي تاڭرېن كىنو ئىشلەش مەسئۇلىيەت چەكلىك شېركىتى بىلەن توىتام ئىمزالىغان ھەمدە « شۇەن يۈەن قىلىچى » دا شياۋ شۆ نىڭ رولىنى ئېلىپ تونۇلۇشقا باشلىغان ، شۇنىڭ بىلەن پارلاق كۈنلىرى باشلانغان . كىيىن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ، « ساقچى ھېكايىسى 2013 » ، « ئايرىلىش ئۇستىسى » ، « مۇتتەھەم پالۋاننىڭ باش كۆتۈرۈشى » ، « شەھەردىكى تۇتۇش بۇيرۇقى » قاتارلىق كىنولاردا رول ئالغان ، رول ئېلىش تېخنىكىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە .

 


10. لى جيا مىڭلى جيا مىڭ ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنۋېرسىتىتىنى پۇتتۈرگەن ، 1995 - يىلىدىن باشلاپ چۇڭچىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ، 2000-يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسسسىغا كىرگەن ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ « دۆلەت ئىچى ياش ناخشىچىلارنى تاللاش تېلىۋىزىيە مۇسابىقىسى » ، « تۇرمۇش » ، «كۆڭۈل ئاچقۇچى لۇغەت » قاتارلىق پروگراممىلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان ، 2014 - يىلى « جۇڭگو ئاڭلاۋاتىدۇ » غا رىياسەتچىلىك قىلىشقا باشلىغان .



خەتكۈچلەر:
12-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek