ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى سىتىف ۋولن 24- نويابر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ شۇ كۈنى ئېتىپ چۈشۈرۋېتىلىشى رۇسىيە-تۈركىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئىشى، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
ۋولىن شۇ كۈنىدىكى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىلىشى رۇسىيە-تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسى بىلەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى چارلاشىغا ياردەم بېرىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ F-15C ئۇرۇش ئايروپىلانىمۇ ۋەقە يۈز بەرگەن بۇ رايوندا ئەمەس ئىدى. ۋەقە يۈز بەرگەن جاي چەت تاغلىق رايون، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى تەرەپ ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچراشقان بولغاچقا، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيە-سۈرىيە چېگرىسىدىن ھالىقىپ ئۆتۈپ تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش قېيىن، بىردىن-بىر ئىسپاتلاشقا بولىدىغىنى، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن ئورۇن سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدە. ئامېرىكا ئارمىيىسى تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىغا چىقارغان ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىدى، ئەمما رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.
رۇسىيەنىڭ بىر دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى 24- نويابر تۈركىيە-سۈرىيە چېگرىسدىكى سۈرىيەگە تەۋە رايونغا چۈشۈپ كەتتى، تۈركىيە قوراللىق قىسىمىنىڭ باش قوماندانى بايانات ئېلان قىلىپ: تۈركىيە ئارمىيىسى مەزكۇر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش چىقارىدى، ئەمما قارشى تەرەپ قىلچە ئىنكاس قايتۇرمىدى، ئارقىدىن تۈركىيە ئارمىيىسى بۇ ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرىۋەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved