ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى يەنە بىر ئامېرىكا مۇخبىرىنى بوغۇزلىۋەتتى

كۆزەتكۈچى تورى خەۋىرى : لەگلەك تورى تەرجىمىسى، ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرى 9.ئاينىڭ 3.كۈنى سەھەردە يەنە بىر نەپەر ئامېرىكىلىق مۇخبىر سىتىۋېن سوتلوفنى بوغۇزلىغانلىق سىن ھۆججىتىنى ئېلان قىلغان.

 

تېرورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ توردىكى پائالىيتىنى نازارەت قىلىدىغان تور بېكەت SITE نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى 3.چىسلا سەھەردە، ئىراق ئىسلام دۆلىتى قوراللىق قىسىملىرى سىن ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدەك ئىسلامغا قارشى جاھالەتلىك بىرلەشمىدىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغان.

 

بۇ ئىككى مىنۇت 46 سېكنۇتلۇق سىن ھۆججىتىدە، سوتلوف ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئسىلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش قارارى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، <ئوباما، سەن ئىراقنىڭ تاشقى دېپلوماتىيە ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ ئۇنى ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن دېدىڭ، ئۇنداقتا نىمىشقا مەن سېنىڭ ئارىلىشىشىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىگىدەكمەن؟ مەن ئامېرىكا پۇقراسى ئەمەسمۇ؟>، <سەن نەچچە مىليارد پۇلنى تۈگەتتىڭ، بىزنىڭ ئارمىيمىزدە نەچچە مىڭ ئادەم تالەپەتكە ئۇچرىدى.

بۇ ئۇرۇشنى قايتا قوزغاشتا ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەنپەئەتى قانداق ئويلىشىلدى؟ ئېسىمدە قېلىشىچە سەن يەنە زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يېڭىش ئۈچۈن ئېراق ۋە ئامېرىكىدا تۇرغۇزۇلغان ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرىدىغانلىقىڭ ۋە گۇەنتانامو تۈرمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىڭ ھەققىدە كاپالەت بەرگەن ئىدىڭ. سېنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىڭ تۈگەشكىمۇ ئاز قالدى، يۇقارقى كاپالەتلەرنىڭ بىرسىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرمىدىڭ، يەنە كېلىپ بىز ئامېرىكا خەلقىنى ئوتقا ئىتتىردىڭ. > دېگەن.

 

ئالدىنقى قېتىم ئامېرىكا مۇخبىرىنى بوغۇزلىۋېتىش قىلمىشىغا ئوخشايدىغان يېرى، بوغۇزلىغۇچى ئەنگىلىيە تەلەپپۇزىدا سۆزلىگەن. ئۇ يەنە <ئوباما، سېنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە يۈرگۈزگەن تەكەببۇر، يوغانچىلىق دېپلوماتىيە سىياسىتىڭ ئۈچۈن مەن قايتىپ كەلدىم> دېگەن.

 


سوتېلوف 31 ياش، ئىلگىرى دەۋر ژورنىلىدا خىزمەت قىلىپ، CNN، فوكىس خەۋىرى قاتارلىقلاردا ئېكرانغا چىققان، كۆپ قېتىم سۈرىيە، مىسىر، لىبىيەلەردە مۇخبىرلىق قىلغان. 2013.يىلى 8.ئايدا سۈرىيەدە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. 8.ئاينىڭ 19.كۈنى ISIS بىرىنجى نەپەر ئامېرىكا مۇخبىرىنى بوغۇزلىغاندا، ئەگەر ئوباما داۋاملىق ئوقۇرىنى ئېگىز قىلىۋالسا، كېيىنكى قېتىمدا بوغۇزلىنىدىغان ئادەمنىڭ سوتېلوف ئىكەنلىكىنى دەپ تەھدىد سالغان. 8.ئاينىڭ 27.كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرى سوتېلوفنىڭ ئاپىسى شۆلى سوتېلوفنىڭ ئىسلام دۆلىتى ئاتامانىنى خەلىپە دەپ ئېتراپ قىلىپ ئۆز ئوغلىنى قويۇپ بېرىشنى ئۆتۈنگەنلىك سىن ھۆججىتىنى ئېلان قىلغان.

 


ISIS داۋاملىق تەھدىد سېلىپ، كېيىنكى قېتىم قەتلە قىلماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەنگىلىيەلىك داۋىي خەيئېنس ئىكەنلىكىنى دېگەن. ئىگىلىنشىچە، ISIS يەنە ئاز دېگەندە ئىككى نەپەر ئامېرىكىلىقنى كونترول قىلىۋالغان.



04-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
   5-ئاينىڭ 12-كۈنى، خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش باشلىقلار يىغىنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن (سولدا) يىغىنغا قاتناشتى. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون يىغ...
14-05-2016
       ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان زۇڭلىسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئاچىز مۇنداق دېگەن: ئۈچ ئايدىن بۇيان پاكىستان-ئامېرىكا ئوتتۇرسىدا كۆپ قېتىم ئاراز...
13-05-2016
         ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
13-05-2016
         دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
13-05-2016
        شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
13-05-2016
       11- ماي برازىلىيە ئالىي پالاتاسى ئالاھىدە قىزىپ كەتتى، جەمئىي 81 پالاتا ئەزاسى ئىچىدىكى 78 پالاتا ئەزاسى زۇڭتۇڭ روسىفنى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى. نەتىجىدە 55 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 22 ...
13-05-2016
          شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، 21 سائەتكە سوزۇلغان بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇنقى باياناتتىن كېيىن، برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەردە زۇڭتۇڭ رۇسسېفقا قارىتىلغان ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللىغان بو...
13-05-2016
     ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى بلاتتېر فىرانسىيەگە بېرىپ نەق مەيداندا 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى رەت قىلدى.   &...
12-05-2016
      فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار تەرەققىيات پىلانلاش ۋە سىتاتىستىكا مىنىستىرلىكى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. 2006-...
12-05-2016
      برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.       فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
Powered by Leglek