ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى (BBC) نىڭ 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا روسىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ داھىيسى ناۋالنى (Alexei Navalny) غا 12-ئاينىڭ 30-كۈنى سوت ھۆكۈمى چىقرىلىدىكەن، بۇنداق بولغاندا ئەسلىدىكى پىلان ئىككى ھەپتە ئالدىغا سۈرۈلىدۇ.
ناۋالنى نۆۋەتتە نەزەربەندتە تۇرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ قېرىندىشى ئولىگ (Oleg) مۇ سوراق قىلىنىدىغانلارنىڭ قاتارىدا ئىكەن. بۇ ئاغا-ئىنى ئىككىيلەننىڭ كونتىروللىقىدا ئىككى ئالدامچىلىق شىركىتى بار ئىكەن. روسىيە تەپتىش تەرەپ ناۋالنىغا 10 قاماق جازاسى، ئولىگقا 8 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلدى. لىكىن بۇ ئىككىيلەن شىكايەت قىلىنغان جىنايەتلىرىنى ئىتراپ قىلمىدى.
2011-يىلى، ناۋالنى پۇتىنغا قارشى كەك كۆلەملىك ئىتراز بىلدۈرۈش پائالىيتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ ھازىر بىر قاتار جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەشكە دۈچ كەلدى، لىكىن ئۇنىڭ دىيشىچە بۇ شىكايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەد دەل ئۇنىڭ سىياسى تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.
2009-يىلى ناۋالنى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 5 يىللىق كىسىلىپ، كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved