ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدىكى ھەربىي ئىشلار بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
شۇ يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق بىر ھەربىي ئىشلار بازىسى 15–چېسلا قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھازىرچە ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئاشقۇن تەشكىلات، سومالى «ياشلار پارتىيەسى» دىكى بىر باياناتچى مۇنداق دېگەن، مەزكۇر تەشكىلاتتىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار مەزكۇر بازىغا ھۇجۇم قىلدى، مەزكۇر بازا سومالى بىلەن كېنىيە چېگرىسىغا جايلاشقان، كېنىيەلىك ئەسكەرلەر بۇ يەردە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بازىدىكى ئەسكەرلەر بىلەن قوراللىق ئۇنسۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋېتىپتۇ.
يەنە بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئېتىشىشتا ئون ئادەم ئۆلگەن.
سومالى «ياشلار پارتىيەسى» بولسا «بازا» تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى قويۇق بولغان بىر ئاشقۇن تەشكىلات، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سومالى ۋە كېنىيەدە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى سادىر قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved