ماشىنا ئادەملەر بىلەن گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئادەملەر جەڭگە چۈشىدۇ

       Reed Hastings) باشقا بىرلەشمە قۇرغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە Netflixشىركىتىنى قۇرۇشتىن ئىلگىرى، سۈنئىي ئەقىل كەسپى جەھەتتە ئېنژىنېر ئىدى. بىراق، بۇرۇنقى كىچىك شىركەت Netflixبۈگۈنكى كۈندە ئابۇنتلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش شەكلىنى ئۆزگەرتكەن داڭلىق شىركەت بولۇپ قالدى.

         خاستىڭس 1988-يىلى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن بۇيان، سۈنئىي ئەقىل نىسبەتەن چوڭ تەرەققىياتقا ئېرىشتى. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، خاستىڭس يەنىلا بۇ ساھەدىكى تەرەققىياتقا قاتتىق كۆڭۈل بۆلمەكتە. 18-يانۋاردىكى ميۇنجىن DLD(رەقەم، تۇرمۇش، لايىھە) يىغىنىدا خاستىڭسنىڭ دېيىشىچە، تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك قاتارلىق كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇ سۈنئىي ئەقىل قوزغىغان «دۇنيا ئاپىتى» پات ئارىدا پەيدا قىلىدىغان تەھدىتدىن ئانچە ئەنسىرەپ كەتمەيدىكەن

    خاستىڭس بىلدۈرۈپ:«ماشىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئىنتايىن قۇدرەتلىك بولغان چاغدا، بىر قىسىم كىشىلەر ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئەمما بىلىش كېرەككى، بىز بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالايمىز» دېدى. ئۇ يەنە تەكىتلەپ، كىشىلەر Netflixنىڭ تەۋسىيە ئىزدەش ماتورىغا ئوخشاش قوراللار ئارقىلىق ئەمدى ماشىنا ئەقىلنى ھېس قىلىشقا باشلىدى، دېدى. ئەمما ئۇ بۇ خىل تەسىرنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىدىغانلىقىنى ھەمدە دۇنيادا پەقەت 5 يىلدىن 15 –يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا ئۈچ «ئادەم»نىڭ سۆزلىشىش مەنزىرىسى بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قايسى بىر «ئادەم»نىڭ ماشىنا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكە ئامالسىز قالىدىغانلىقىمىزنى مۆلچەرلىدى.

گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، خاستىڭس ئىنسانلار بۇ سەۋەبلىك ھەممىنى يوقىتىپ قويمايدۇ، دەپ قارىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، سۈنئىي ئەقىلنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلار گېن شىفىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىمۇ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىدىكەن.

خاستىڭسنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئىنسانلار ناھايىتى تېزلا گېنى ئۆزگەرتىلگەن بوۋاق مەسىلىسىدە ئەخلاق ۋە ئېتىكا تەڭچىلىكىگە دۇچ كېلىدىكەن، بۇ خىل ھادىسە بۈگۈنكى كۈندىكى سانلىق مەلۇمات ۋە شەخسىي سىرتنى چۆرىدىگەن تالاش-تارتىشنى ئەرزىمەس ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن.

ئىسانلار گېن شىفىرىنى ياخشىلىيالىسا، بۇ يۈزلىنىش ئىنسانلارنى تېخىمۇ ئەقىللىق ۋە ساغلام قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، خاستىڭس يەنە بۇ ئېھتىمال ئىنسانلارنىڭ سۈنئىي ئەقىل ماشىنا ئادىمىنى مەغلۇپ قىلشىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈمىدى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

خاستىڭس بىلدۈرۈپ:«كەلگۈسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدار كاربون ئاساسىدىكى ھاياتلىق تەنچىسى ۋە سىلىتسىي ئاساسىدىكى ھاياتلىق تەنچىسى ئارىسىدىكى رىقابەت جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئىككى خىل ھاياتلىق تەنچىسى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىدۇ، ئەمما نۆۋەتتە قايسى خىل ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ 100 يىل ياكى 150 يىلدىن كېيىن باشلامچى ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس» دېدى.



خەتكۈچلەر:
21-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
بىرازىلىيە تۈرمىسىدىكى «ياۋۇز ئالۋاستى» دەپ ئاتالغان، ئېغىر جازابېرىلگەن جىنايەتچىلەر «يەر ئاستىدىكى ئاتامان» بولۇپ تۈرمە تەرتىپىنى باشقۇرىدۇ. نۇر تورى تەرجىمىسى:   بىرازىلىيەنىڭ پېرنامبۇكو شىتاتىدا ئاز دېگەندىمۇ ...
14-05-2016
يەر شارى تورى 14- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 7- كۈنى مىسسۇرى شىتاتىنىڭ كانزاس شەھىرىدىكى 10 ياشلىق بىر قىزچاق ...
14-05-2016
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە دۆلەت قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ دېيىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 11-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەر ئەتراپىدا، ياپونىيە خانېدا ئايرودرومىنىڭ ئەمەلدارى بۇ ئايرودرومنىڭ A ئۇچۇش يولى ئەتراپىدا بىرقانچە ل...
14-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران 12-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، بىر يىلدا بىر قېتىم بولىدىغان مەككىدىكى ھەج قىلىشقا قاتنىشىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەردە دېيىلى...
14-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 13- ماي رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا شەرقىي ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى ئورناتتى، رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلا مۇسابىقىسىگە چۈشمەيدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ قورال-ياراغنى ئۆ...
14-05-2016
ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 12-ماي ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئالدىنقى يىلى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدا ئاشلىق كېيىمىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ رايوندا تەخمىنەن 32 مىليون كىشى ئاشلىق بىخەتەرلىك تەھدىت...
14-05-2016
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېلىئونېز ھادىسى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى قورغاقچلىق ئاپىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ئاشلىق كەمچىللىك ...
14-05-2016
   5-ئاينىڭ 12-كۈنى، خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش باشلىقلار يىغىنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن (سولدا) يىغىنغا قاتناشتى. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون يىغ...
14-05-2016
       ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان زۇڭلىسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئاچىز مۇنداق دېگەن: ئۈچ ئايدىن بۇيان پاكىستان-ئامېرىكا ئوتتۇرسىدا كۆپ قېتىم ئاراز...
13-05-2016
         ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
Powered by Leglek