ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئالتۇن پىرىنسىپ

شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان سەھىپە

 

ئەمىليەتتە، قانداقلا ئىش قىلىڭ چوقۇم ئۇنىڭ پىرىنسىپى بولىدۇ، ئىگىلىك تىكلەشمۇ ھەم شۇنداق.

 

1-پىرىنسىپ: تىجارەتنى كىچكتىن باشلاش

    ھەرگىزمۇ كىچىك دەپ سەل قارىماسلىق. بۇ پىرىنسىپنىڭ مەزمۇنى، سودا قىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىشنى كىچىكتىن باشلاڭ، ئالدىراقسانلىق قىلماڭ، ھەرگىزمۇ باشلىغان ھامانلا چوقۇم نەچچە يۈزمىڭ تېپىشنى، نەچچە مىليونلۇق ئېلىم - بېرىم قىلىشنى ئويلىماڭ، قىلىۋاتقان سودىڭىز كىچىك بولسا مەيلى، مۇھىمى بۇ تىجارەتنى قىلغىلى بولامدۇ يوق؟ سىزنىڭ قىلىشىڭىزغا ماس كېلەمدۇ،كەلمەمدۇ ؟ پايدا ئېلىپ كېلەلەمدۇ شۇنىڭغا قاراش كېرەك.

 

2–پىرىنسىپ: ئاۋال نەچچە يۈەن تېپىشتىن باشلاش كېرەك

    پەقەت تاپسىڭىزلا بولدى، نىشانى ئاۋال تۆۋەنرەك بەلگىلەڭ، بۇ غەلبە قازىنىشتىكى ئاقىلانە تەدبىر. بۇمۇ ئوخشاشلا ئالدىنقى پىرىنسىپقا ئوخشاش، كىچىكتىن باشلاڭ، كاپىتالمۇ ئاز - ئازدىن جۇغلىنىدۇ، تەجىربىمۇ ئۆگىنىش جەريانىدا ئاستا - ئاستا توپلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۆزىگىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزمۇ ئاشىدۇ.

 

3- پىرىنسىپ: ئۈزلۈكسىز ھالدا مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش

    سودا يوللىرىڭىزنى كېڭەيتىش، خېرىدارلىرىنى كۆپەيتىش، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بۇ كارخانا تەرەققى قىلىپ چوڭىيىشتىكى چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان يول، جەمىيەت تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، ئىقتىسادى مۇھىتمۇ تەرەققى قىلۋاتىدۇ، كارخانىنىڭ خېرىدارلار توپىمۇ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر بىر ئىزدىلا توختاپ قالسا، سىزنىڭ تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىڭىزدە ئىلگىرلەش بولمىسا سىز خېرىدارلارنى تۇتۇپ تۇرالمايسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، مۇلازىمەت ۋە تېخنىكىڭىزنى توختاۋسىز يېڭىلاپ تۇرۇڭ، خېرىدارلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا مېڭىپ يەنىمۇ كۆپ خېرىدار جەلىپ قىلىڭ، مۇشۇنداق خېرىدارلىرىڭىز بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ سىزگە ئىقتىسادى پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.

 

4 - ئىدىيىڭىزنى تارقىتىشقا ماھىر بولۇش

    توختاۋسىز سودا پۇرسىتى ۋە مۇناسىۋەت ئىزدەش، يېڭى شەيئىلەرنى قۇبۇل قىلىشقا، ھەمدە يېڭى شەيئى ۋە يېڭى ئىدىيەرلەرنى قېزىپ چىقىشقا ماھىر بولۇش، يېڭى نەرسىلەرگە نىسبەتەن قىزىقىشنى ساقلاش، كونا شەيئىلەرنىڭ يېڭى ھاياتى كۈچىنى قېزىپ چىقىرىش.

 

5 - مۇستەھكەم ئەقىدە بولۇش

    بىر ئىشنى پەقەت ئۈچ ئادەم تەستىقىدىن ئۆتسىلا بولدى، نەچچە ئادەمنىڭ ماقۇللىقىنى ساقلاپ تۇرسىڭىز ئاللىقاچان سەپتىن چۈشۈپ قالغان بولىسىز، مەيلى قىلىڭ ياكى قىلماڭ سىزدە چوقۇم بىر قەتئىيلىك بولسۇن، پۇرسەتنى قېزىپ چىقىرىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇشقا ماھىر بولۇڭ، ھەرگىزمۇ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇپ كەينىدىن ياش تۆكمەڭ .

 

6-تەننەرخنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرەلىگەندە، پايدىسى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولىدۇ

    بىر كارخانىنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن كۆپ ۋە چوڭ بولىدۇ، بۇ ۋەزىپىلەرنڭ ئەمەلگە ئېشىشى شۇ كارخانىدا شەكىللەنگەن ئەڭ چوڭ پايدا ئۈستىگە قۇرۇلسا ئاندىن بۇ ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 

7ـ يېڭىلىق يارىتىشتا ياخشى بولغان ئىجادى پىكىر بولۇش

    باشقىلار دىققەت قىلمىغان سودا پۇرسىتىنى بايقاشقا ماھىربولۇش كېرەك، ياخشى بولغان ئىجادى پىكىر ۋە سودا پۇرسىتى سىزنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشىڭىزنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرىدۇ.

 

8-تەييارلىقىڭىز يېتەرلىك بولسىلا قىلىشنى باشلاڭ

    كەم -كۈتسىز، مۇكەممەل تەييارلىقنىڭ بولۇشى ناتايىن، نۇرغۇن ئىشنىڭ بېشى تەس بولىدۇ، بىراق بىرىنچى قەدەمنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزىڭىز يول تېپىپ كېتەلەيسىز.



خەتكۈچلەر:
09-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
04-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاۋىستىرالىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئارگىل (Argyle) ئالماس كان رايونىدىن ئېغىرلىقى 9.17 كارات كېلىدىغان ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بىنەپشە رەڭلىك ئالماس بايقالغان بولۇپ، بۇ ئالماسنى پا...
04-05-2016
    دۇنيادىكى داڭلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ماشىنىسى ياساش كارخانىسى شىۋېيتسارىيە ‹‹رېيتېر›› گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹رېيتېر›› توقۇمىچىلىق ئەسۋاب – ئۈسكىنىلىرى چەكلىك شىركىتى 28 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات را...
04-05-2016
    نەچچە كۈندىن بۇيان ئالتۇن، كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ھەتتا 1298 دوللارغا چىقىپ، ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ يانچۇقىنى خېلىلا چىڭداپ قويغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن نەق ئالتۇننى...
04-05-2016
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتى ئاسىيا رايونىدا، ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيە باشچىلىق...
04-05-2016
    دېھقان ئىشلەمچىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان ئولتۇراق ئۆي لايىھەسى پىلانىغا قارا سايە تاشلىدى. دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 28- ئاپرېل ئېلان قىلغان «2015- يىللىق...
03-05-2016
    رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە رۇسىيەنىڭ نېلسون ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 63 نۇقتىغا چۈشكەن، مەزكۇر كۆرسەتكۈچ 2005-يىلى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى ئە...
03-05-2016
    يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىقتىساد تاراتقۇسى فوربېس ئاسىيا رايونىدىكى 30 نەپەر 30 ياشتىن تۆۋەنلەر «Forbes 30 Under 30 Asia» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ فوربېسنىڭ ئاسىيانى باھالاش دائىرىسى قىلغان تۇنجى نۇسخا ت...
03-05-2016
    «ياۋروپا ماشىنا خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېن گۇروھى دېزىل ماتورىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقتىن، 2015-يىلى 5.515 مىليارد ياۋرو زىيان تارتتى، شۇ سەۋەبتىن ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشىنى كېچىكتۈرۈپ ب...
02-05-2016
    ھىندىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى راجان يېقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە باشلىقلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا: ‹‹ھىندىستان ئىقتىسادى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ...
02-05-2016
     سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چوڭ كۆلەمدە ئۇل ئەسلىھە سالىدىغان پۇلى بولمىغاچقا، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى كاتتا شىركەت – بىن لادىن گۇروھى 50 مىڭ ئادەم قىسقارتتى. «خۇيتۇڭ » تورى 2–ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: نېفىت با...
Powered by Leglek