ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيە پرېزىدېنتى فرانسىۋا ئوللەند شۇ جاي ۋاقتى 18-يانۋار سۆز قىلغاندا، فرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئۇ بىرلا ۋاقىتتا يەنە نۆۋەتتە فرانسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئوللەند 18-يانۋار سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەر قاتناشقان يىللىق يىغىندا سۆز قىلغاندا يۇقىرىقى ئىپادىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بىر قاتار ئىقتىسادىي تەدبىر تەكلىپلىرىنى بەرگەن. ئۇ بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۇزۇن مۇددەت توختاپ قالغان ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، بىرلا ۋاقىتتا ئۇزۇن مەزگىللىك ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئوللەند ئەمگەكچىلەرگە پايدىلىق ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنى تېزراق تۈزۈپ چىقىپ، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ۋە تورلىشىشىغا ماسلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئوللەندنىڭ تەكلىپى يەنە كارخانىلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىشىنى ئىلھاملاندۇرۇش ھەمدە بىر قىسىم خادىملارنى تەربىيەلەش تەدبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ياۋرو رايونىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان فرانسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئىشسىزلار سانى %10.6نى ئىگىلەيدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved