جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كات 2-ماي ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىغىدىكى رامئاللا شەھىرىنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە پەلەستىننىڭ سايلام ئۆتكۈزۈشىنى ھەمدە ئىچكى قىسىمدىكى پارچىلىنىش ھالىتىگە خاتىمە بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
شۇ كۈنى كات پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. كات سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىغى، غەززە رايونى ھەمدە شەرقى ئېرۇسالىم قاتارلىق پەلەستىن رايونىدا سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا ھاسىل قىلىنغان پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يارىشىش كېلىشىمى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئابباسمۇ، پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پارچىلىنىش ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ،يارشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چوڭ سايلامغا بىرلىكتە تەييارلىق كۆرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved