شىنجاڭ تائاملىرى ئامېرىكىدىكى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان بولدى

     شىنجاڭ تائاملىرى ئامېرىكىدىكى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان بولدى

      2016- يىلى يانۋاردىن باشلاپ جۇڭگونىڭ تائاملىرى ئامېرىكىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، شۇ چاغدا توخۇ قوردىقى، پولۇ، كاۋاپ، لەڭمەن قاتارلىق شىنجاڭ تائاملىرىمۇ كۆرگەزمىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا جۇڭگوچە تاماق ئېتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسابىقە رايونىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەيدانىدا، دۇنيا جۇڭگوچە تائاملار كەسپى بىرلەشمىسىنىڭ كارخانىچىلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگوچە ئاشپەزلىك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا جۇڭگوچە تائاملار كەسپى بىرلەشمىسى باش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن شياۋچۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خەلقئارا بازىرى كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىدىغان 1- تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ قورۇمىلىرى شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىدىكەن. بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ قورۇمىلىرىنىڭ «مۇسۇلمانچە» قورۇمىلىرى خەلقئارا بازىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

     ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل مايدا، دۇنيا جۇڭگوچە تائاملار كەسپى بىرلەشمىسىنىڭ كارخانىچىلار كومىتېتى ۋە ئامېرىكىدىكى جۇڭگوچە تائام كەسپى بىرلەشمىسى چېكاگو شەھىرىدە كېلىشىم ئىمزالىغان، ئىككى تەرەپ جۇڭگوچە تائام مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش، جۇڭگوچە تائاملارنى ئېتىش تالانت ئىگىلىرىنى خەلقئاراغا يەتكۈزۈش، جۇڭگوچە تائاملارنىڭ ئامېرىكىدا زەنجىرسىمان تىجارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، ئامېرىكىدىكى جۇڭگوچە تائام كەسپىنىڭ يېڭىلاش ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

15- دېكابىردىكى ھەل قىلغۇچى مۇسابىقە مەيدانىدا، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق بەش دۆلەت ۋە شىنجاڭنىڭ جايلاردىن كەلگەن 120 ئاشپەز مۇسابىقىگە قاتناشقان. بۇ مۇسابىقىنى دۇنيا جۇڭگوچە تائام بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان، دۇنيا جۇڭگوچە تائاملار كەسپى بىرلەشمىسىنىڭ كارخانىچىلار كومىتېتى، خەلقئارا داڭلىق ئاشپەزلەر كومىتېتى، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنېۋېرسىتېتى، جاڭ يۈەنسۇڭ خىزمەتخانىسى ھەمكارلاشقان، دۇنيا جۇڭگوچە تائاملار كەسپى بىرلەشمىسىنىڭ كارخانىچىلار كومىتېتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

     سۈرەتتە: مۇسابىقە مەيدانىدا بىر تاماشىبىن كۆرگەزمىدىكى قورۇمىلاردىن ھۇزۇرلانماقتا.



خەتكۈچلەر:
18-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek