ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا
سىچۈەن چېڭدۇ-ميەنياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ميەنجۇ -شىفاڭ بۆلىكىدە 7-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن 50 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئارقىمۇ ئارقا سوقۇلۇپ كېتىپ ، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان .
سىچۈەن ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ دەلىللىشىچە ، ۋەقەدە 53 ئاپتوموبىل ئارقىمۇ ئارقا سوقۇلۇپ ، ئىككى ئادەم قازا قىلغان ، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان ، ئالتە ئادەم ميەنجۇ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىلغان .
ئىگىلىنىشىچە ، 7-دېكابىر سەھەر دېياڭ شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قويۇق تۇماندىن مۇداپىئەلىنىش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تارقاتقان بولۇپ ، قىسمەن جايلاردىكى كۆرۈش ئارىلىقى 200 مېتىرغىمۇ يەتمىگەن .
نۆۋەتتە ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved