جۇڭگو خەۋەر تورنىڭ 5-ئاينىڭ7-كۈندىكى تېلگىراممسى ، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلشىغا ئاساسلانغاندا، ئارتىسلار فىلمنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا دائىم ئۆلگەن كۆرنۈشنى رولغا ئېلشقا ئۇچراپ تۇرىدۇ، كۆپلىگەن ئەھۋاللاردا فىلمدە <<ساختا ئۆلۈپ>>چىقىدۇ.بىراق ئىئوردانىيەدىكى بىر ئارتىس تېلۋىزىيە-تىياتىر فىلمدىكى ئۆلگەن كىشى رولغا چىقىپ سۈرەتكە ئېلنىۋاتقاندا كۈتۈلمىگەندە <<ساختا ئۇيۇن راستقا ئايلىنىپ >>،راستىنلا نەپسى توختاپ قالغان ، ھەم مۇشۇ فىلمگە رول ئېلىشقا قاتنىشۋاتقان باشقا ئارتسلارنى قاتتىق قورقۇتۋەتكەن.
ئىگەللىنشىچە، بۇ داڭلىق ئىئوردانىيەلىك ئارتىسنىڭ ئىسمى ساۋاكا بۇلۇپ ئەينى ۋاقىتتا <<قانداش قېرىنداش >> دىگەن فىلمنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشۋاتقان بۇلۇپ ئۇ بىر دادىنىڭ رولىنى ئالغان ، يەنە بىر ياش ئارتىس لىخەن ئۇنىڭ ئوغلنىڭ رولنى ئوينىغان.ئالدىنقى شەنبە كۈنى بۇ ئىككى ئارتىس ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن دادىنىڭ جان ئۆزۈش كۆرنۈشنى رولغا ئالماقچى بولغان.
ئىگەللىنشچە،ئەينى ۋاقىتتا دادىنىڭ رولىنى ئېلۋاتقان ساۋاكا :<<ئوغلۇم ،مېنىڭچە مەن بۇ قېتىم راستىنلا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن>>دىگەن،ئوغلىنىڭ رولنى ئويناۋاتقان لىخەن بولسا جاۋابەن:<<ئۇنداق بولمايدۇ،سەن چاقچاق قىلۋاتسەن >>دىگەن.ئارقىدىن ساۋاكى يەنە:<<مىنىڭچە مەن راستىنلا ئۆلۈپ كىتىدىكەنمەن>>دىگەندە لىخەن يەنە قايتۇرۇپ:<<سەن ئۆلۈپ كەتمەيسەن ،سەن چاقچاق قىلۋاتسەن >>دىگەن. ئويلمغان يەردىن ئارتىس ساۋاكى راستىنلا يەرگەيىقلىپ نەپسى توختىغان.
بۇ ۋاقىتتا ئوغلىنىڭ رولىنى ئېلۋاتقان لىخەن بۇ كۆرنشتىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن.ئۇ ئىشتىن كىيىن مۇخبىرغا ئېيتشچە،گەرچە بۇ ئىش ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق ئاشۇ مەنزىرنى قايتا ئەسكە ئالغىنىدا يەنە تىترەپ كىتدىكەن.
![]() |
پىرېزىدېنت تۈزۈمى
پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.
ئىككىنچى،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved