بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
جەڭ مەيدانىدا جىددىي ئەھۋالغا يۇلۇققاندا دالا ئاپتوموبىلى ياكى تىك ئۇچار ئايروپىلانغىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئىزچىل ئۇچالايدىغان خاممېرنى تەتقىق قىلىپ ،ئۇنىڭ قۇرۇقلۇقتا يول يۈرۈش بىلەن بىرگە تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئوخشاش كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلىشىنى ئۈمىت قىلغان ئىدى .
بۇ يىلنىڭ بېشىدا قارا چەۋەنداز دەپ ئاتالغان سۇدىمۇ قۇرۇقلۇقتىمۇ يۈرەلەيدىغان جەڭ ماشىنىسىنىڭ قۇملۇقتا تۇنجى قېتىم ئۇچقاندىكى كۆرۈنىشى يېقىندا توردا ئاشكارىلاندى . قارا چەۋەنداز ناملىق جەڭ ماشىنىسى قۇرۇقلۇقتا ماڭغاندا تۆت چاقلىق خاممېرى ماركىلىق ئاپتوموبىل بىلەن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدۇ . قۇرۇقلۇقتا خەتەر كۆرۈلگەن ھامان بۇ جەڭ ماشىنىسى دەرھال تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئۆزگىرىپ خەتەرلىك جايدىن تېزلىكتە ئايرىلىدۇ .سەككىز پىرقىرىغۇچنىڭ ياردىمىدە ،قارا چەۋەنداز ناملىق جەڭ ماشىنىسىنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى سائىتىگە 241 كىلومېتىرغا يېتىدۇ . نۆۋەتتە تۇنجى قېتىم ئۇچقان قارا چەۋەنداز ناملىق جەڭ ماشىنىسى پۈتۈنلەي كومپيوتېر ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىنىدۇ .
ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ پىلاننىڭ بويىچە ، بۇ جەڭ ماشىنىسى كەلگۈسىدە ماددىي ئەشيا تولۇقلاش ۋە يارىدارلارنى يۆتكەش قاتارلىق كۆپ خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىكەن . يىراق ئارىلىقتىن كونترول قىلىش بۇ جەڭ ماشىنىسىنىڭ ناچار ھاۋا رايى ۋە مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي ھەرقانداق ۋاقىتتا توسالغۇسىز يۈرەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
ئامېرىكا ھەربىي دائىرلىرى كەلگۈسىدە قارا چەۋەنداز ناملىق جەڭ ماشىنىسىنى ئادەم ھەيدەيدىغان ، ھەم ئېھتىياجغا ئاساسەن ئادەم ھەيدەش بىلەن يىراق ئارىلىقتىن كونترول قىلىشنى ئۆزئارا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان قىلىپ لاھىيلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن . ئەمما بۇ جەڭ ماشىنىسى يەر يۈزىدىن ئاران 3 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچالايدۇ . تەخمىنەن 450 كىلوگرام يۈك تۇشالايدۇ . داۋاملىق ئۇچۇش ئىقتىدارى چەكلىك .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved