دۇنيادىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى ئەڭ يۇقىرى ئون دۆلەت

     جۇڭگو گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نامراتلىق مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىش ئۈچۈن، شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى ھەر بىر قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ئايدا 1700 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 16088 خەلق پۇلى، كۈنىگە 536 يۈەن خەلق پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ) ياردەم پۇلى تارقىتىشنى پىلانلىدى، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى بۇ يىلى شۋېتسارىيەدە بارلىق خەلقنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. ھەۋەس قىلىۋاتامسىز؟ ئەمەلىيەتتە يۇقىرى پاراۋانلىقنى يولغا قويغان پەقەت شۋېتسارىيەلا ئەمەس، بەزى دۆلەتلەرنىڭمۇ پاراۋانلىقى ئالاھىدە ياخشى، تۇغۇلۇشتىن ئۆلگىچە كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن «بىكار يېتىپلا پۇل سانايدىغان» دۆلەت دەپ تەرىپلەنگەن، تۆۋەندە بىرگە بۇ دۆلەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.


1. برۇنېي

برۇنېيدا ھەقسىز مائارىپ ئالىي مەكتەپكىچە بولۇپ، ھەتتا چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرسىڭىزمۇ دۆلەت ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيسىز. داۋالىنىش پۈتۈنلەي ھەقسىز، ناۋادا برۇنېيدا داۋالىيالمىغان كېسەللىكنى چەتئەلگە مەيلى قايسىلا دۆلەتكە داۋالاشقا بېرىڭ، ئوخشاشلا ھۆكۈمەت داۋالىنىش ھەققىڭىزنى كۆتۈرىدۇ، ھەتتا سىزگە ھەمراھ بولۇپ، ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن بارغان يېقىنلىرىڭىزنىڭ ياتاق-تاماق خىراجىتىنىمۇ كۆتۈرىدۇ. برۇنېي يەنە تېخى باج كەچۈرۈم قىلىنغان دۆلەت، شەخسلەر باج تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز، كارخانىلارمۇ ئوخشاشلا تىجارەت بېجى تاپشۇرۇشى بىھاجەت، ھەتتا ماشىنا ياكى ئۆي سېتىۋالماقچى بولسىڭىزمۇ ھۆكۈمەت سىزنى ئۆسۈمىز قەرز بىلەن تەمىنلەيدۇ.

2. شۋېتسىيە

شۋېتسىيەنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق چىقىمى GDP (ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى) نىڭ %38.2 تىنى ئىگىلەيدۇ. شۋېتسىيەدە ئايالىڭىز بوشانسا، سىزمۇ ئايالىڭىزغا ئەگىشىپ مۇئاشلىق توققۇز ئايلىق ھامىلە ھەمراھلىقى دەم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز. كېسەل كۆرۈنمەكچى بولسىڭىز پەقەت بىر كورۇنا (تەخمىنەن بىر يۈەن) نومۇر ئېلىش ھەققى تاپشۇرسىڭىزلا قالغان بارلىق خىراجەتنى ھۆكۈمەت كۆتۈرىدۇ. شۋېتسىيەنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، ئاساسىي ئىشسىز قېلىش خىراجىتى ۋە ئۆزى خالاپ ئىشسىز قېلىش سۇغۇرتىسى. بارلىق 20 ياشتىن يۇقىرى ئىشسىز ياشلار ھەر كۈنلۈكى 320 كورۇنا ئاساسىي ئىشسىز قېلىش سۇغۇرتا ھەققىگە ئېرىشەلەيدۇ.

3. شۋېتسارىيە

شۋېتسارىيە نىسبەتەن مۇكەممەل ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىغا ئىگە بولغانلىقتىن، ئەمەلدارلاردىن پۇقرالارغىچە، ھەممەيلەننىڭ تۇرمۇشى باياشاتلىققا تولغان، تۇرمۇش ئۈچۈن جېنىنى تىكىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلارنى تولىمۇ ئاز ئۇچرىتىسىز. شۋېتسارىيەدە، كۆپلىگەن شەھەرلەردىكى ماگىزىن ۋە ئاشخانىلار شەنبە-يەكشەنبىلىك ئارام ۋە ھېيت-بايراملاردا تىجارەت قىلمايدۇ. ناۋادا خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتماقچى بولسا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئارتۇق باج تۆلەشتىن باشقا يەنە خادىملارغا ئىككى ھەسسە مۇئاش تارقىتىدۇ. مۇنداقراق ئېيتقاندا، شۋېتسارىيەدە ئارام ئېلىش سىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىمتىيازىڭىز.

4. ئاۋسترالىيە

ئاۋسترالىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاۋۋال ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى يولغا قويغان، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى ئەڭ ياخشى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئاۋسترالىيەدە خەلقنىڭ داۋالىنىش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغان. ناۋادا خىزمەت يېشىڭىزدا ئىشسىز قالسىڭىز ئۇنداقتا ھەر يىلى 15 مىڭ ئاۋسترالىيە پۇلى(تەخمىنەن 70 مىڭ 854 يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) ئىشسىزلارنى قۇتقۇزۇش پۇلىغا ئېرىشەلەيسىز. ئايال پۇقرالار 60 ياشتىن باشلاپ، ئەر پۇقرالار 65 ياشتىن باشلاپ ناۋادا مال-مۈلكى ياكى شەخسىي تاپاۋىتى بەلگىلەنگەن سوممىدىن تۆۋەن بولسا ھۆكۈمەت ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئاۋسترالىيەدە بىر پەرزەنتلىك ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 65 مىڭ ئاۋسترالىيە پۇلىدىن (تەخمىنەن 3 مىليون  7034 يۈەن خەلق پۇلى) كەم بولسا كىشى بېشىغا ھەر ھەپتىدە 300-50 ئاۋسترالىيە پۇلى (1417-236 يۈەن خەلق پۇلى)  پەرزەنت بېقىش ھەققىگە ئېرىشەلەيدۇ.

5. كانادا

كانادامۇ ئوخشاشلا ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتى مۇكەممەللەشكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كانادادىكى كىرىمسىز بويتاقلار ھەر ئايدا 700-500  (بىر كانادا دوللىرى تەخمىنەن 6.6 يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) كانادا دوللىرى تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ، ئۈچ كىشىلىك ئائىلىلەر ھەر ئايدا 1300-1100 كانادا دوللىرى تۇرمۇش كاپالىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ناۋادا ئىزچىل تۈردە خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىسا، تاكى ئۆلگۈچە داۋاملىق بەھرلەنسە بولىدۇ. ھەر قانداق 65 ياشتىن يۇقىرى پۇقرا ئىلگىرى خىزمەت قىلغان-قىلمىغانلىقى ياكى خىزمەت ۋاقتىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوخشاشلا ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. كىرىمى تۆۋەن ئائىلىلەرنى ھۆكۈمەت ئەرزان باھالىق ئىجارە ئۆيلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەلۋەتتە، بۇنداق يۇقىرى پاراۋانلىق سياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە باجمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

6. دانىيە

دانىيەنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق چىقىمى GDP (ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى) نىڭ %37.9 تىنى ئىگىلەيدۇ. دانىيەدىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىياسىتى بارلىق دانىيەدە تۇرۇشلۇق كىشىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، دۆلەت تەۋەلىكى ئايرىلمايدۇ، پەقەت دانىيە تۇپرىقىدا تۇرغانلا كىشى دانىيەنىڭ ھەر خىل ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىدىن بەھرلىنەلەيدۇ. دانىيە يەنە داۋالىنىشنى پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلغان بولۇپ، كېسەل كۆرسىتىش، ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىش جەريانلىرىدا بىر تىيىنمۇ خەجلىمەيدۇ، ھەتتا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش مەزگىلىدىكى تامىقىنىمۇ ھۆكۈمەت كۆتۈرىدۇ. دانىيەدىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بارلىق ئوقۇش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىگە ئەڭ يېقىن جايدىكى مەكتەپتە ئوقۇشنى تاللىسا بولىدۇ، ناۋادا شەخسىي مەكتەپلەردە ئوقۇشنى تاللىسا ھۆكۈمەت «ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپ ھەق ئۆلچىمى» گە ئاساسەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئوقۇش ھەققىنى كۆتۈرىدۇ.

7. نورۋېگىيە

نورۋېگىيەنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق چىقىمى GDP (ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى) نىڭ %33.2 تىنى ئىگىلەيدۇ. نورۋېگىيەمۇ ئوخشاشلا ھەقسىز داۋالىنىش سياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بارلىق پۇقرالار ئوخشاش دەرىجىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك سەھىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرلىنەلەيدۇ، كېسەل سەۋەبىدىن ئارام ئالسىمۇ ئوخشاشلا مۇئاش تەقسىملىنىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە 42 ھەپتىلىك مۇئاشلىق ئارامدىن بەھرلىنەلەيدۇ، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ئۈچ ھەپتىمۇ قانۇندا بېكىتىلگەن ئارام ۋاقتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھامىلدارنىڭ يولدىشىمۇ 4 ھەپتىلىك مۇئاشلىق تۇغۇت ھەھراھلىقى ئارام مەزگىلىدىن بەھرلىنەلەيدۇ.

8. فرانسىيە

فرانسىيە پۇقرالىرى ئانىسىنىڭ قورسىقى ۋاقتىدىن باشلاپ تاكى ئۆلگۈچە جەمئىي 400 خىلدىن ئارتۇق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىياسىتىدىن بەھرلىنەلەيدۇ. فرانسىيە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىياسىتىنىڭ ئالاھىدىكىلى مەيلى قايسى دۆلەت تەۋەلىكىدىن بولسۇن، پەقەت فرانسىيەدە قانۇنلۇق تۇرۇش گۇۋاھنامىسىغا ئىگە بولسىلا بۇ سىياسەتلەردىن بەھرلىنەلەيدۇ. باشلانغۇچ مائارىپىدىن ئالىي مەكتەپكىچە ھەقسىز بولۇپ، ناۋادا ئائىلىسىنىڭ كىرىمى بەلگىلەنگەن كىرىمدىن تۆۋەن بولسا، بىر بالىغا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا 249.07 ياۋرو (تەخمىنەن 1816.2 يۈەن خەلق پۇلى) ياردەم پۇلى تەقسىملىنىدۇ. بارلىق فرانسىيە خەلقى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرلىنەلەيدىغان بولۇپ، شەخسىي تاپاۋىتىگە ئاساسەن ھەر بىر پۇقرا ھەر يىلى ئەڭ كۆپ بولغاندا شۇ يىلدىكى ئەڭ تۆۋەن بىر ھەپتىلىك كىرىمىنى تاپشۇرىدۇ، ئىشسىزلار بۇ ھەقنى تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ.

9. ئامېرىكا

ئامېرىكىدا باشلانغۇچ مائارىپىدىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە ھەقسىز بولۇپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھەققىنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈمەت كۆتۈرىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار پەقەت ئاز بىر قىسمىنىلا تۆلەيدۇ. ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئوقۇش ھەققى تەخمىنەن 1500 دوللار بولۇپ، بۇ تەخمىنەن ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 1/30 گە توغرا كېلىدۇ. نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالىشى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت نامرات ئائىلىلەرگە قارىتا ھەر تۈرلۈك ياردەم پۇلى سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان. ئامېرىكىدىكىمۇ بارلىق خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرلىنەلەيدىغان بولۇپ، ھەر يىللىق داۋالاش چىقىمى 2.2 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ غايەت زور چىقىم ئامېرىكا  (ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى) نىڭ %16 تىنى، ھۆكۈمەت چىقىمىنىڭ %20.8 تىنى ئىگىلەيدۇ.  ئاساسلىق داۋالاش تۈزۈمى بولسا : مەيلى پۇلىڭىز بار-يوقلىىقىدىن قەتئىينەزەر، ئاۋۋال كېسەل كۆرسىتىپ، ئاندىن ھەق تاپشۇرىسىز. ناۋادا سىز نامرات بولسىڭىز، ئۇنداقتا ھۆكۈمەت سىز ئۈچۈن داۋالىنىش ھەققىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، داۋالىنىش مەزگىلىدىكى تاماق ھەققىڭىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.

10. ئەنگلىيە

ئەنگلىيەدە مۇساپىرلارمۇ يۇقىرى پاراۋانلىقتىن بەھرلىنەلەيدىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق چىقىمى GDP (ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى) نىڭ %25.9 تىنى ئىگىلەيدۇ. ئەنگلىيەمۇ ھەقسىز داۋالىنىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. ئەنگلىيەدە ئالىي مەكتەپتىن بۇرۇنقى بارلىق ئوقۇش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپتىكى %90 ئوقۇغۇچىمۇ ئوخشاشلا ھۆكۈمەت تولۇقلىما پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. شۇ سەۋەبلىك، نامرات ئائىلىلەرگە قارىتا باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغان بولۇپ، ئەنگلىيەدىمۇ ئوخشاشلا بارلىق ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق كىشىلەر ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىدىن بەھرلىنەلەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
04-02-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
Powered by Leglek